Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 2:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18 مىسىرغا بېرىپ، ئۇلاردىن ياردەم سورىساڭلار، سىلەرگە نېمە پايدا كېلىدۇ؟ ئاسسۇرغا بېرىپ، ئۇلاردىن ياردەم سورىساڭلار، سىلەرگە نېمە پايدا كېلىدۇ؟

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 2:18
18 Referans Kwoze  

بۇ زېمىنلار مىسىرنىڭ شەرقىدىكى شىخور دەرياسىدىن تارتىپ، شىمالدىكى ئەقرون شەھىرىنىڭ چېگراسىغىچە سوزۇلىدۇ (بۇ زېمىنلار كەنئانلارنىڭ زېمنى دەپ قارىلىدۇ). بۇنىڭ ئىچىدە گازا، ئاشدود، ئاشقىلون، گات ۋە ئەقرون قاتارلىق شەھەرلەرگە فىلىستىيەلىك بەش ھۆكۈمدار ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. يەنە جەنۇبتىكى ئاۋۋىم خەلقىنىڭ زېمىنىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.


ئىسرائىلىيە خەلقى خۇددى پاختەكتەك ئەقىلسىز ۋە دۆتتۇر. ئۇلار بىر دەم مىسىردىن ياردەم سورىسا، بىر دەم ئاسسۇرلارغا ئۇچىدۇ.


ياردەم سوراش ئۈچۈن يېڭى ئىتتىپاقداشلارنى ئىزدەشكە، نېمىدېگەن تېز سىلەر-ھە؟ بىراق سىلەرنىڭ مىسىردىكى يېڭى دوستۇڭلار خۇددى ئاسسۇرلاردەك سىلەرنى نائۈمىد قويىدۇ.


مىسىردىن ياردەم سورىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى مىسىرلىقلارنىڭ ئاتلىرىغا باغلىدى، ئۈمىدلىرىنى مىسىرنىڭ كۆپلىگەن جەڭ ھارۋىلىرىغا، جەڭ ھارۋىلىرىنى ھەيدەيدىغان نۇرغۇن ھارۋىكەشلىرىگە باغلىدى، ئۇلار ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇداغا تايانمىدى. ئۇلار پەرۋەردىگاردىن ياردەم تىلىمىدى.


ئىسرائىلىيە ئۆزىنىڭ كېسىلىنى، يەھۇدىيە ئۆزىنىڭ جاراھىتىنى كۆرگەندە، ئىسرائىلىيە بېرىپ، كۈچلۈك ئاسسۇر پادىشاھىدىن ياردەم سورايدۇ. لېكىن ئاسسۇر پادىشاھى ئۇلارنىڭ كېسىلىنى داۋالىيالمايدۇ، جاراھەتلىرىنىمۇ ساقايتالمايدۇ.


لېكىن يەھۇدىيەگە تىكلەنگەن پادىشاھ بابىل پادىشاھىغا قارشى ئىسيان كۆتۈردى. ئۇ ئەلچىلىرىنى مىسىرغا ئەۋەتىپ، جەڭ ئاتلىرى ۋە لەشكەر سورىدى. ئەمما ئۇنىڭ غەلىبە قىلالىشى مۇمكىنمۇ؟! ئۇ مۇشۇنداق قىلسا جازادىن قانداق قېچىپ قۇتۇلالىسۇن؟! ئۇ ئەھدىنى بۇزغان تۇرسا، جازالانماي قالارمۇ؟!


بىھۇدە كۈتىۋېرىپ، تالدى كۆزىمىز، دەرۋەقە، بىزگە ياردەم بېرەلمەيدىغان بىر ئەلگە ئۈمىد باغلىغان ئىكەنمىز.


ئۇ ۋاقىت كەلگەندە پەرۋەردىگار ئاسسۇر پادىشاھىنى ئىشقا سالىدۇ. ئۇ، پەرۋەردىگارنىڭ قولىدا خۇددى فىرات دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىن ئىجارىگە ئېلىپ كېلىنگەن ئۇستىرىغا ئوخشاش چېچىڭنى، پۇتۇڭنىڭ تۈكلىرىنى ۋە ساقىلىڭنى چۈشۈرۈپ تاشلايدۇ.


ئۇلار چوڭقۇر دېڭىزلاردىن ئۆتۈپ، مىسىردىكى شىخور ۋادىسىدىن ئاشلىق سېتىۋالاتتى، نىل دەريا ۋادىسىدىن چىققان ھوسۇللارنى ئەكېلەتتى. يەر يۈزىنىڭ ئەڭ ئاۋات بازىرى سىلەردە ئىدى.


سەن تويماس ھاۋايى-ھەۋىسىڭنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئاسسۇرلار بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلدىڭ، لېكىن يەنىلا قانمىدىڭ.


بىر مەزگىلدىن كېيىن پادىشاھ ئاخاز ئاسسۇر پادىشاھىدىن ياردەم سوراش ئۈچۈن ئادەم ئەۋەتتى.


مېنىڭ ساداقەتسىز قىزىم، قاچانغىچە سەرگەردان بولۇپ يۈرىسەن؟ چۈنكى مەن پەرۋەردىگار دۇنيادا يېڭى بىر ئىش قىلىمەن: خۇددى ئايالى ئېرىنى قوغدىغىنىدەك غەلىتە بىر ئىش يۈز بېرىدۇ.»


ئېرىشمەك ئۈچۈن تاماققا، باش ئەگدۇق مىسىر ۋە ئاسسۇرغا.


سەن باشقا ئەللەر بىلەن ئىشقىۋازلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ بۇتلىرى بىلەن ئۆزۈڭنى بۇلغىغانلىقىڭ ئۈچۈن، بۇ ئىشلار چوقۇم بېشىڭغا كېلىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite