يەرەمىيا 2:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى17 مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى توغرا يولدا يېتەكلىگەن بولساممۇ، سىلەر مەندىن يۈز ئۆرۈپ، بۇ ئاپەتلەرنى ئۆز بېشىڭلارغا تاپتىڭلار. Gade chapit la |
ئازاريا ئاسا پادىشاھنى كۈتۈۋالغىلى چىقىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ ئەي ئاسا، يەھۇدالار ۋە بىنيامىنلار، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا ماڭساڭلار، ئۇ سىلەرگە يار بولىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا ئىنتىلسەڭلار، ئۇ سىلەرگە نامايان بولىدۇ. ئەگەر سىلەر ئۇنىڭدىن ۋاز كەچسەڭلار، ئۇمۇ سىلەردىن ۋاز كېچىدۇ.