Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 2:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 نوپ ۋە تاخپانخېس شەھەرلىرىدىن كەلگەن مىسىرلىقلار بېسىپ كىرىپ، چېچىڭلارنى چۈشۈرۈۋېتىپ، ئۆزلىرىنىڭ قۇلى قىلدى.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 2:16
17 Referans Kwoze  

«مىسىرلىقلارغا ئۇقتۇرۇڭلار، بۇنى مىگدول، نوپ ۋە تاخپانخېس شەھەرلىرىگە جاكارلاڭلار: ‹سەپ تۈزۈپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىڭلار. چۈنكى دۈشمەن قوشۇنلىرى قوشنا ئەللەرنى ۋەيران قىلىۋاتىدۇ.›


بۇ، مىسىرنىڭ شىمالىدىكى مىگدول، تاخپانخېس ۋە نوپ شەھەرلىرىدە ھەمدە مىسىرنىڭ جەنۇبىدا ياشاۋاتقان يەھۇدىيە خەلقى توغرىسىدا يەرەمىياغا چۈشكەن ۋەھىيدۇر:


زوئان شەھىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۆزلىرىنى ئەخمەق قىلىۋاتىدۇ، مېمفىس شەھىرىنىڭ ئاقساقاللىرى ئۆز-ئۆزىنى ئالداۋاتىدۇ، مىسىردىكى قەبىلىلەرنىڭ ئاقساقاللىرى مىسىرنى تۇيۇق يولغا باشلاپ قويىدۇ.


مۇسا گاد قەبىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دۇئا قىلدى: «گاد قەبىلىسىنىڭ زېمىنىنى كېڭەيتكەن خۇدا مەدھىيەلەنسۇن! گاد ماراپ ياتقان شىرغا ئوخشايدۇ، ئولجىسىنىڭ بىلىكىنى ۋە بېشىنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ.


مىسىرغا ئوت قويىمەن، سىن شەھىرىنىڭ ئاھالىسى قاتتىق ئازابلىنىدۇ. نو شەھىرىنىڭ سېپىلىدىن ھۇجۇم بىلەن يوچۇق ئېچىلىدۇ. نوپ شەھىرى ھەر كۈنى ۋەھىمىگە چۈشىدۇ.


مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹بۇتلارنى يوقىتىمەن، نوپ شەھىرىنىڭ بۇتلىرىنى ۋەيران قىلىمەن، مىسىردا ئەمدى ھۆكۈمران بولمايدۇ، مىسىرنى ۋەھىمىگە سالىمەن.


ئى مىسىر خەلقى، نەرسىلىرىڭلارنى تەييارلاپ، سۈرگۈن قىلىنىشقا ھازىرلىنىڭلار. نوپ شەھىرى ۋەيران بولىدۇ. ئۇ خارابىلىككە ئايلىنىپ، ئادەمزاتسىز قالىدۇ.


بۇ ئېقىم يەھۇدىيەگە سەلدەك كېلىپ، تاشقىنلاپ، ئۇنىڭ بوينىغىچە تاقىشىدۇ. ئۇنىڭ كەڭ يېيىلغان قاناتلىرى پۈتكۈل زېمىنىڭنى تولدۇرىدۇ، ئەي ئىممانۇئېل!


پىرئەۋن نىكو يوئاخازنىڭ يېرۇسالېمدىكى پادىشاھلىقىنى بىكار قىلىپ، ئۇنى خامات رايونىدىكى رىبلاھ شەھىرىدە زىندانغا تاشلىدى. كېيىن ئۇنى مىسىرغا ئېلىپ كەتتى، ئۇ شۇ يەردە ئۆلدى. پىرئەۋن نىكو يوشىيانىڭ يەنە بىر ئوغلى ئەلياقىمنى پادىشاھ قىلىپ تىكلەپ، ئىسمىنى يىھوياقىمغا ئۆزگەرتتى. ئۇ يەھۇدىيەگە 3500 كىلو كۈمۈش ۋە 35 كىلو ئالتۇن سېلىق سالدى.


سىلەر ئەمدى مىسىرغا تايانماقچىمۇ؟ مىسىر خۇددى قومۇشتىن ياسالغان سۇنۇق ھاسىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭغا تايانساڭلار قولۇڭلارنى تېشىۋېتىدۇ. مىسىر پىرئەۋنى، يەنى پادىشاھىغا تايانغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاقىۋىتىمۇ شۇنداق بولىدۇ.


قاچقانلار خەشبون سېپىللىرىنىڭ سايىلىرىدا تۇرۇپ، ھالىدىن كېتىدۇ. پادىشاھ سىخوننىڭ قەدىمكى يۇرتى خەشبوندىن ئوت كۆتۈرۈلىدۇ. ئوت پۈتكۈل زېمىننى ئۇرۇشپەرەس خەلقى بىلەن قوشۇپ ۋەيران قىلىدۇ.


سىلەر ئاپەتتىن قېچىپ قۇتۇلساڭلارمۇ، مىسىر بەرىبىر سىلەرنى بىر يەرگە توپلايدۇ، نوپ شەھىرى سىلەرنى يەرگە كۆمىدۇ. كۈمۈشلىرىڭلار ئازغاننىڭ ئارىسىدا قالىدۇ، چېدىرىڭلارنى تىكەنلەر بېسىپ كېتىدۇ.


ئۇ بولسىمۇ پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىش، ئۇنى ئىنكار قىلىشتۇر، خۇدايىمىزغا ئەگەشمەيمىز، ئاغزىمىز زۇلۇم سېلىشنى ۋە ئاسىيلىقنى سۆزلەيدۇ، كۆڭۈلدىكى يالغانچىلىقلار خالىغانچە چىقىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite