Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 2:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 ئەي ئاسمانلار، سىلەرگە شۇنى دەيمەنكى، بۇلاردىن ھەيران بولۇڭلار، چۆچۈڭلار ۋە ۋەھىمىگە چۈشۈڭلار.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 2:12
10 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئاڭلا، ئەي ئەرشئەلا، قۇلاق سال، ئەي يەر-زېمىن، بېقىپ چوڭ قىلغان بالىلىرىم ماڭا قارشى چىقتى.


ئەي تاغلار، پەرۋەردىگارنىڭ ئەيىبلىشىنى ئاڭلاڭلار! ئەي زېمىننىڭ مەڭگۈلۈك ئۇللىرى، قۇلاق سېلىڭلار. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ ئۈستىدىن دەۋا ئېچىۋاتىدۇ، ئىسرائىللارنى ئەيىبلەۋاتىدۇ.


ئەي يەھۇدىيە زېمىنى، يەھۇدىيە زېمىنى، يەھۇدىيە زېمىنى! پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سال.


ئەي جاھان ئەھلى، قۇلاق سېلىڭلار! خەلقىمگە بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىمەن. ئۇلار ھىيلىگەرلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، جازالايدىغان ۋاقتىم كەلدى. چۈنكى ئۇلار مېنىڭ سۆزلىرىمگە پەرۋا قىلمىدى، قانۇنلىرىمنى رەت قىلدى.


ئەي ئەرشئەلا، قۇلاق سال ماڭا، ئەي زېمىن، سۆزۈمنى ئاڭلا.


چۈش ۋاقتى سائەت ئون ئىككىدىن سائەت ئۈچكىچە پۈتۈن زېمىننى قاراڭغۇلۇق باستى.


مەن مۇنداق دېدىم: «مەن زېمىنغا قارىدىم، ھېچ نېمە يوق، قاقاسلىق ئىدى. مەن ئاسمانغا قارىدىم، يورۇقلۇق يوق ئىدى.


چۆچۈپ كېتىڭلار، ھاڭ-تاڭ بولۇپ قېلىڭلار! ئەمالاردەك يۈرۈۋېرىڭلار! سىلەر مەست، بىراق شارابتىن ئەمەس. سىلەر دەلدەڭىشىپ ماڭىسىلەر، ئەمما بۇ شاراب ئىچكىنىڭلاردىن ئەمەس.


شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «سەن باشقا ئەللەردىن سوراپ باققىن، ئۇلار شۇنداق رەزىل ئىشلارنى ئاڭلاپ بېقىپتىمۇ؟ ئەزىز ئىسرائىل خەلقىم ھەيران قالارلىق ناھايىتى رەزىل ئىشلارنى قىلدى!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite