Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 2:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 غەربكە بېرىپ، دېڭىزدىن ئۆتۈپ، سىپرۇس ئارىلىنى كۆرۈپ كېلىڭلار! شەرققە ئادەم ئەۋەتىپ، قېدار زېمىنلىرىغا بېرىپ كېلىڭلار! بۇنداق غەلىتە ئىشلارنى ئاڭلاپ باققان بىرەرسى بارمىكىن؟

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 2:10
21 Referans Kwoze  

ھالىمغا ۋاي، مۇساپىر بولدۇم مەشەك دىيارىدا، بەختسىز بولدۇم قېدارلارنىڭ چېدىرىدا.


مەن ھەقىقەتەن ئاراڭلاردا جىنسىي ئەخلاقسىزلىقنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ئاڭلىدىم. بۇ خىل ئەخلاقسىزلىق ھەتتا بۇتپەرەسلەرنىڭ ئىچىدىمۇ ئۇچرىمايدۇ. بىرى ئۆگەي ئانىسى بىلەن داۋاملىق بىر ئورۇندا يېتىپتۇ!


كىتتىملىقلارنىڭ كېمىلىرى ئۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسىتىدۇ. ئۇ قورقۇپ، چېكىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ. شىمالدىكى پادىشاھ مۇقەددەس ئەھدىگە ئىشەنگۈچىلەرگە غەزەپ قىلىش ئارقىلىق ئاچچىقىنى چىقىرىدۇ ۋە مۇقەددەس ئەھدىنى تەرك ئەتكۈچىلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.


پالىقىڭ باشاننىڭ دۇپ دەرەخلىرىدىن ياسالغانىدى. پوللىرىڭ سىپرۇس قارىغايلىرىدىن ياسىلىپ، پىل چىشىدىن نەقىش قىلىنغانىدى.


ئىگەم ماڭا مۇنداق دېدى: «دەل بىر يىلدىن كېيىن قېدار خەلقىنىڭ بارلىق شەرىپى ئاخىرلىشىدۇ.


قوھاتنىڭ ئامرام، يىزھار، ھىبرون ۋە ئۇززىئېل ئىسىملىك تۆت ئوغلى بار ئىدى.


داۋۇت قېرىپ، ساناقلىقلا كۈنلىرى قالغاندا، ئوغلى سۇلايماننى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.


ياۋاننىڭ ئەۋلادلىرى: ئەلىشا، تارشىش، كىتتىم ۋە رودانىم.


بۇ ئىشنى كۆرگەنلەر: _ ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن بېرى بۇنداق ئىش يۈز بېرىپ باقمىغان ھەم ھېچكىم بۇنداق بىر ئىشنى كۆرۈپ باقمىغانىدى. ئەمدى بۇ ئىشنى ياخشى ئويلىشىپ، قانداق قىلىش ھەققىدە مەسلىھەتلىشەيلى، _ دېيىشتى.


سىپرۇستىن كېمىلەر كېلىپ، ئاسسۇر بىلەن ئېبەرنى بويسۇندۇرىدۇ. لېكىن ئۇلار ئۆزىمۇ ھالاك بولىدۇ.»


تۇغۇلۇش تەرتىپى بويىچە نىبايوت، قېدار، ئادبىئېل، مىبسام،


باشقىلار: «چۈنكى ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگار خۇدادىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا ئىلاھلارنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئۇلارغا چوقۇنغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ بېشىغا بۇ بالايىئاپەتلەرنى ياغدۇرغان» دەپ جاۋاب بېرىشىدۇ.


ئۇ: «ئەي ئېزىلگەن سىدونلۇقلار، سىلەرنىڭ خۇشال كۈنلىرىڭلار تۈگىدى. ئەمدى سىپرۇسقا بېرىڭلار. ئەمما ئۇ يەردىمۇ سىلەر خاتىرجەملىك تاپالمايسىلەر.»


بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان قېدار خەلقى ۋە خازور زېمىنلىرى توغرىسىدا ئېيتقان ۋەھىيسىدۇر. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي بابىل قوشۇنلىرى، بېرىپ، قېدارلارغا ھۇجۇم قىلىڭلار، شەرقىي قۇملۇقتا ياشاۋاتقان بۇ ئەلنى يوقىتىڭلار.


شۇڭا مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار يېرۇسالېمغا شۇنداق دەيمەنكى، سەن ئەتراپىڭدىكى باشقا ئەللەرگە قارىغاندا بەكرەك ئىتائەتسىزدۇرسەن. سەن مېنىڭ قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىمگە رىئايە قىلمىدىڭ، قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىمگە رىئايە قىلىشتا قوشنا ئەللەرگىمۇ يەتمىدىڭ.


كېيىن شىمالدىكى پادىشاھ دېڭىز بويىدىكى خەلقلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، نۇرغۇن خەلقلەرنى بويسۇندۇرىدۇ. لېكىن ياقا يۇرتلۇق بىر سەركەردە ئۇنىڭ ئەدىپىنى بېرىپ، ئۇنى نومۇسقا قالدۇرىدۇ.


بۇ تىر شەھىرى توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر: يىراقتىكى تارشىشتىن قايتىپ كەلگەن دېڭىزچىلار قايغۇرۇپ نالە قىلىڭلار. شەھىرىڭلار تىر گۇمران بولىدۇ، ھېچبىر ئۆي ۋە پىرېستان ساق قالمايدۇ. بۇ خەۋەر ئۇلارغا سىپرۇس زېمىنىدا يەتكۈزۈلىدۇ.


سەن كىيىمىڭ بىلەن بۇتخانىنى چىرايلىق بېزەپ، ئۇ يەردە بۇزۇقچىلىق قىلدىڭ. بۇنداق ئىش يۈز بەرمەسلىكى كېرەك ئىدى!


ئەرەبلەر ۋە قېدارنىڭ بارلىق شاھزادىلىرى سېنىڭ خېرىدارلىرىڭ ئىدى. ئۇلار پاقلان، قوچقار ۋە ئۆچكە ئېلىپ كېلىپ، سەندە تىجارەت قىلاتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite