يەرەمىيا 19:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى15 «ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن ئېيتقىنىمدەك، بۇ شەھەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارغا ھەممە بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىمەن. سىلەر جاھىللىق قىلىپ سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىشنى رەت قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن، شۇنداق قىلىمەن.›» Gade chapit la |
ئۇلار ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىڭنى ئۇنتۇدى. ئۇلار بوينىنى قاتتىق قىلىپ، ئۆزلىرىگە يېڭى بىر يېتەكچى تەيىنلەپ، مىسىردىكى قۇللۇقىغا قايتماقچى بولدى. لېكىن سەن ئەپۇچان، رەھىمدىل، شەپقەتلىك، ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيدىغان ۋە چەكسىز مېھىر-مۇھەببەتلىك خۇدا بولغاچقا، ئۇلارنى تاشلىۋەتمىدىڭ.
ئەي پەرۋەردىگار، سېنىڭ سەمىمىيەت ئىزدەيدىغانلىقىڭنى بىلىمەن. سەن بۇ كىشىلەرنى جازالىغان بولساڭمۇ، ئۇلار سۆزلىرىڭگە ئېتىبار قىلمىدى. ھەتتا سەن ئۇلارنى ۋەيران قىلىۋېتىشكە ئازلا قالغان چاغدىمۇ، ئۇلار خاتالىقىنى تۈزىتىشنى خالىمىدى. ئۇلار قەلبلىرىنى خۇددى تاشتەك قاتتىق قىلدى. ئۇلار توۋا قىلىشنى خالىمىدى.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي يەرەمىيا، سەن يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا جايلىرىدىكى بارلىق پۇقرالارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن سىلەرگە بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىشكە تەييارلىنىپ، جازالاش پىلانىنى تۈزىۋاتىمەن! شۇڭا، ھەربىرىڭلار رەزىل قىلمىشلىرىڭلاردىن يېنىپ، توغرا يولدا مېڭىشقا نىيەت قىلىڭلار!›