Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 18:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 مەن مۇنداق دېدىم: «ئى پەرۋەردىگار، ماڭا قۇلاق سالغايسەن، دۈشمەنلىرىمنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغايسەن.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 18:19
14 Referans Kwoze  

ئۇلار بىزنى قورقۇتۇپ، قولىمىزنى ئىشقا بارماس قىلىپ، سېپىلنى پۈتتۈرەلمەسلىكىمىزنى ئويلىغانىدى. مەن: «ئى خۇدا، قولۇمغا كۈچ-قۇدرەت بەرگەيسەن!» دەپ دۇئا قىلدىم.


ئەي دۈشمەنلىرىم، ھالىمىزدىن شادلانماڭلار، يىقىلغان بولساق، ئورنىمىزدىن تۇرىمىز. قاراڭغۇلۇقتا قالغان بولساق، پەرۋەردىگار بىزگە نۇر بولىدۇ.


ئى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، سەن ھەققانىي كىشىلەرنى سىنايسەن، كىشىلەرنىڭ ئوي-پىكىرلىرى ۋە ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى تەكشۈرىسەن. دۈشمەنلىرىمدىن ئىنتىقام ئالغانلىقىڭنى كۆرەي، چۈنكى مەن ساڭا ئەرزىمنى بايان قىلدىم.


مەيلى ئۇلار ئوقۇۋەرسۇن لەنەت ماڭا، بىراق سەن ئاتا قىلىسەن بەخت ماڭا. ھۇجۇم قىلسا ئۇلار خىجالەتتە قالار، ئەمما مەنكى قۇلۇڭ شادلىققا تولار.


مۇھەببىتىمنى بەرسەممۇ مەن ئۇلارغا، شىكايەتلەر قىلدى ئۇلار قارشى ماڭا، شۇنداقتىمۇ ئۇلار ئۈچۈن قىلىمەن دۇئا.


ئى پەرۋەردىگار، دۇئايىمغا قۇلاق سالغايسەن، نىدايىمنى ئاڭلىغايسەن، كۆزۈڭنى ئېچىپ، ئەھۋالىمىزنى كۆرگەيسەن، سانخېرىبنىڭ سېنى، يەنى مەڭگۈ ھايات خۇدانى ھاقارەتلەپ ئەۋەتكەن سۆزلىرىنى ئاڭلىغايسەن.


شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ئادەملەر: _ كېلىڭلار، يەرەمىياغا سۇيىقەست قىلايلى! بىزگە تەلىم بېرىدىغان روھانىيلىرىمىز، مەسلىھەت بېرىدىغان دانالىرىمىز، خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزىدىغان پەيغەمبەرلىرىمىز يەنە چىقىدۇ. بىز يەرەمىيانىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلايلى، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىمايلى، _ دېيىشتى.


ياخشىلىققا يامانلىق قايتىشى كېرەكمۇ؟ ئۇلار ھەتتا مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ، ئورەك كولاۋاتىدۇ. مەن بۇرۇن ئالدىڭغا كېلىپ، ئاشۇ سۇيىقەستچىلەرگە بولغان غەزىپىڭنى بېسىش ئۈچۈن، سەندىن ئۆتۈنگىنىمنى يادىڭدا تۇتقايسەن.


ئى پەرۋەردىگار، كۆردۈڭ ماڭا ئۇۋال بولغانلىقىنى، گۇناھسىز، دەپ ھۆكۈم قىلغايسەن مېنى!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite