Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 17:24 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

24 مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ئېيتىمەنكى، سىلەر ماڭا ئىتائەت قىلىپ، دەم ئېلىش كۈنىدە شەھەر دەرۋازىلىرىدىن ھېچقانداق يۈك-تاق ئېلىپ كىرمەڭلار. چوقۇم دەم ئېلىش كۈنىنى مۇقەددەس بىلىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىڭلار ۋە ھېچقانداق ئىش قىلماڭلار.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 17:24
11 Referans Kwoze  

ئەگەر بۈگۈن مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن ئەمرلەرگە چىن قەلبىڭلار بىلەن ئەمەل قىلساڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى سۆيسەڭلار، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن ئۇنىڭغا خىزمەت قىلساڭلار،


پەرۋەردىگار: _ ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار بولغان مەن خۇدانىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، مېنىڭ نەزىرىمدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئەمر-پەرمانلىرىمغا تولۇق ئەمەل قىلساڭلار، مەن مىسىرلىقلارغا كەلتۈرگەن كېسەللەرنى سىلەرگە كەلتۈرمەيمەن. مەن سىلەرگە شىپا بولىدىغان پەرۋەردىگاردۇرمەن، _ دېدى.


يىراقتىن كىشىلەر كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى سېلىشقا ياردەم بېرىدۇ. شۇ چاغدا سىلەر مەن زىكىرىيانى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئەۋەتكەنلىكىنى بىلىسىلەر. ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارغا تولۇق ئىتائەت قىلساڭلار، بۇ ئىشلار چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ.


نېمە ئۈچۈن قۇۋۋەتسىز يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالىسىلەر؟ نېمە ئۈچۈن جاپا-مۇشەققەتتە تاپقان پۇلۇڭلارنى سىلەرنى قانائەتلەندۈرەلمەيدىغان نەرسىلەرگە ئورۇنسىز سەرپ قىلىسىلەر؟ سىلەر سۆزۈمگە دىققەت بىلەن قۇلاق سېلىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار ياخشى يېمەكلىكلەرنى يېگەن بولىسىلەر، كۆڭلۈڭلەر توق تۇرىدۇ.


ئۇ قوش ئاتلىق جەڭ ھارۋىلىرىنى كۆرگەندە، ئېشەكلەرگە ياكى تۆگىلەرگە مىنىپ كېلىۋاتقانلارنى كۆرگەندە، ئۇ چوقۇم كۆز-قۇلاق بولسۇن، قاتتىق كۆزەتسۇن.»


مەن يەتكۈزگەن بارلىق ئەمرلەرگە كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلساڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى سۆيسەڭلار، ئۇنىڭ يولىدا مېڭىپ، سادىق بولساڭلار،


دەم ئېلىش كۈنىنى مۇقەددەس كۈن بىلىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىڭلار.


مەن بېكىتكەن دەم ئېلىش كۈنى ئارىمىزدىكى بىر بەلگىدۇر، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، مېنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر› دېدىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite