Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 17:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹جېنىڭلارنى ئەزىز كۆرسەڭلار، مېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشۇمنى ئاڭلاڭلار! دەم ئېلىش كۈنىدە يېرۇسالېم دەرۋازىلىرىدىن يۈك ئېلىپ كىرىشنى توختىتىڭلار.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 17:21
18 Referans Kwoze  

ئازدۇرۇلۇپ، خۇدادىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا ئىلاھلارغا سەجدە قىلىشتىن ئېھتىيات قىلىڭلار،


ھوشيار بولۇڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى ئۇنتۇماڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھەر خىل نەرسىنىڭ سىياقىدا بۇت ياسىماڭلار.


_ پەرۋەردىگار سىناي تېغىدىكى ئوت ئىچىدىن سىلەرگە سۆزلەۋاتقاندا، سىلەر ئۇنىڭ سىياقىنى كۆرمىدىڭلار. شۇڭا سىلەر ئىنتايىن ھوشيار بولۇڭلار،


لېكىن ھوشيار بولۇڭلار، ئېھتىيات قىلىڭلار! ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرگىنىڭلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار، ئۇلارنى ئۆمۈر بويى ئېسىڭلاردا ساقلاڭلار، پەرزەنتلىرىڭلار ۋە نەۋرە-چەۋرىلىرىڭلارغا ئېيتىپ بېرىڭلار.


شۇنىڭ ئۈچۈن، مېنىڭ خۇدانىڭ ھەقىقىتى توغرىسىدا ئېيتقانلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار. چۈنكى، كىمدە ئەقىل-پاراسەت بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ. لېكىن، كىمدە ئەقىل-پاراسەت بولمىسا، ئۆزىدە بار دەپ قارالغىنىمۇ ئېلىپ كېتىلىدۇ، - دېدى.


ئاڭلىغانلىرىڭلارغا زېھىن قويۇڭلار! سىلەر قانچىكى كۆپ زېھىن قويساڭلار، سىلەرگە شۇنچە كۆپ چۈشەنچە بېرىلىدۇ، ھەتتا يېتىپ ئاشقۇدەكمۇ بېرىلىدۇ.


پاك تۇت بار كۈچۈڭ بىلەن قەلبىڭنى، ئۇ ھايات بۇلىقىدۇر چۈنكى.


سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ ئىش-ھەرىكىتىڭلارغا دىققەت قىلىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى پۈتۈن قەلبىڭلار بىلەن سۆيۈڭلار.


ئۆزۈڭلارغا پەخەس بولۇڭلار، مۇقەددەس روھ سىلەرنىڭ باشلامچىلىق قىلىشىڭلارغا تاپشۇرغان بارلىق قېرىندىشىڭلارغىمۇ پەخەس بولۇڭلار! پادىچى قويلىرىنى باققاندەك، سىلەرمۇ خۇدانىڭ جامائەتچىلىكىنى بېقىڭلار، چۈنكى خۇدا ئۇلارنى ئۆز ئوغلىنىڭ قېنىغا سېتىۋالغان!


بۇ بۇيرۇقلىرىمنى ئادا قىلىپ، ماڭا بويسۇنىدىغانلار نەقەدەر بەختلىك-ھە، دەم ئېلىش كۈنىنى بۇلغىماي، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىپ، رەزىل ئىشلاردىن قولىنى تارتقانلار نەقەدەر بەختلىك-ھە!


سىلەر دەم ئېلىش كۈنىنى ئاياغ ئاستى قىلماڭلار، مېنىڭ مۇقەددەس كۈنۈمدە ئۆز ئىشلىرىڭلار بىلەن بەند بولماڭلار. دەم ئېلىش كۈنىنى، ‹بىر خۇشاللىق كۈن› دەپ بىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس كۈنىنى قەدىرلىشىڭلار كېرەك. ئۆزۈڭلار خالىغانچە ئىش قىلماڭلار، ئۆز ئىشلىرىڭلار بىلەن بەند بولماڭلار قۇرۇق پاراڭ سالماڭلار، بۇ كۈننى ھۆرمەتلىشىڭلار كېرەك.


دەم ئېلىش كۈنىنى مۇقەددەس كۈن بىلىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite