Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 17:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ يېرۇسالېمدىكى دەرۋازىلارغا بارغىن. ئاۋۋال يەھۇدىيە پادىشاھى كىرىپ-چىقىدىغان دەرۋازىغا _ «خەلقلەر دەرۋازىسى»غا، ئاندىن باشقا بارلىق دەرۋازىلارغا بېرىپ،

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 17:19
11 Referans Kwoze  

مۇنداق دېدى: _ سەن ئىبادەتخانامنىڭ ھويلىسىغا بېرىپ تۇرغىن. يەھۇدىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن ئىبادەتخانامغا ئىبادەت قىلغىلى كەلگەن بارلىق كىشىلەرگە سۆز قىلغىن. مەن ساڭا ئۇلارغا ئېيتىشنى ئەمر قىلغان سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى بىرنىمۇ قالدۇرماي يەتكۈزگىن.


پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىسىدا تۇرۇپ، يەھۇدىيە خەلقىگە تۆۋەندىكى سۆزلەرنى جاكارلاشنى بۇيرۇدى: «ئەي بۇ يەرگە ئىبادەت قىلىشقا كىرگەن بارلىق يەھۇدىيە خەلقى، مەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار.


- سىلەر مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىسىغا كىرىپ، جامائەتكە يېڭى ھايات توغرىسىدىكى تەلىملەرنىڭ ھەممىسىنى ئېيتىڭلار، - دەپ بۇيرۇدى.


ئۇ ۋاقىتتا بارۇك پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ھويلىسىغا كىرىپ، پۈتۈكچى شافاننىڭ ئوغلى گىماريانىڭ ھۇجرىسىنىڭ بوسۇغىسىدا تۇردى. بۇ ھۇجرا يېڭى دەرۋازا يېنىدىكى ئۈستۈنكى ھويلىدا ئىدى. ئۇ يەردە بارلىق ئادەملەر ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالايتتى. ئۇ ئورام يازمىنى ئېچىپ، يەرەمىيانىڭ سۆزلىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇدى.


شۇڭا يەھۇدىيەدىكى بارلىق كىشىلەر ئۆز شەھەرلىرىدىن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا روزا تۇتقىلى كەلگەن كۈندە، سەن ئۇ يەرگە بارغىن. ئۇلارغا مەن ساڭا ئېيتقان، يەنى سەن تېرىگە پۈتكەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئوقۇپ بەرگىن. ھەممە ئادەم ئاڭلىغۇدەك ئۈنلۈك ئوقۇغىن.


«ساپال پارچىلىرى دەرۋازىسى»دىن چىقىپ، بەنھىننوم جىلغىسىغا بارغىن. شۇ يەردە ساڭا ئېيتقان سۆزلىرىمنى جاكارلايسەن:


ئەۋەتتى دېدەكلىرىنى ئۆز زىياپىتىگە چاقىرىشقا، تۇرغۇزدى شەھەرنىڭ ئەڭ ئېگىز جايلىرىدا:


دانالىق چاقىرمىدىمۇ؟ ئەقىل-ئىدراكنىڭ ئاۋازى ياڭرىمىدىمۇ؟


مېنى ئەمەس، بەلكى ماڭا زىيانكەشلىك قىلغانلارنى نومۇستا قالدۇرغىن. مېنى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى ۋەھىمىگە قالدۇرغىن. ئۇلارنىڭ بېشىغا بالايىئاپەت ياغدۇرۇپ، ئۇلارنى بىر ھەسسە ئارتۇق جازا بىلەن ۋەيران قىلغىن!»


مۇنداق دەپ جاكارلىغىن: «ئەي يەھۇدىيەنىڭ پادىشاھلىرى، بۇ دەرۋازىلاردىن كىرىپ چىقىۋاتقان يېرۇسالېم خەلقى، شۇنداقلا يەھۇدىيەنىڭ بارلىق خەلقى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite