Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 16:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 سەن ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «پەرۋەردىگار سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ‹سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار مېنى تاشلىۋېتىپ، باشقا ئىلاھلارنى ئىزدىگەن، ئۇلارغا چوقۇنۇپ، سەجدە قىلغان، مېنى رەت قىلىپ، قانۇنلىرىمغا بويسۇنمىغانىدى.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 16:11
21 Referans Kwoze  

بۇرۇن سىلەر خۇداغا ئېتىقاد قىلمايدىغانلار ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىپ، كۆپ ۋاقتىڭلارنى ئۆتكۈزۈۋەتتىڭلار. سىلەر بۇزۇقچىلىق، شەھۋانىيلىق، ھاراقكەشلىك، ئەيش-ئىشرەت، ئاچكۆزلەرچە يەپ-ئىچىش ۋە يىرگىنچلىك بۇتپەرەسلىك ئىچىدە ياشاپ كەلگەنىدىڭلار.


لېكىن يىرگىنچلىك ۋە نەپرەتلىك بۇتلارغا قەلبىدىن ئورۇن بەرگەن كىشىلەرنى قىلمىشلىرىغا يارىشا جازالايمەن. بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب قايتۇرۇلىدۇ: ‹چۈنكى بۇ خەلق پەرۋەردىگار خۇدا بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى تاشلاپ، بۇتقا چوقۇنۇپ، ئۇلارغا سەجدە قىلدى.›»


سۆڭەكلىرى بۇرۇن ئۆزلىرى سۆيۈپ، چوقۇنۇپ، سەجدە قىلغان، يول كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىپ، ئىبادەت قىلغان قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلار ئاستىدا چېچىلىپ ياتىدۇ. بۇلار ھەرگىزمۇ قايتا يىغىلىپ كۆمۈلمەيدۇ. ئۇلار خۇددى گەندىدەك تاشلىنىپ قالىدۇ.


باشقىلار: «چۈنكى ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگار خۇدادىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا ئىلاھلارنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئۇلارغا چوقۇنغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ بېشىغا بۇ بالايىئاپەتلەرنى ياغدۇرغان» دەپ جاۋاب بېرىشىدۇ.


ئەكسىچە جاھىللارچە ئۆزلىرىنىڭ يامان نىيەتلىرىگە ئەگىشىپ، بائالنىڭ بۇتلىرىغا چوقۇنۇشتى. ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ئۇلارغا مۇشۇنداق قىلىشنى ئۆگەتكەن.


روھانىيلار ماڭا ئىنتىلمىدى، قانۇنلىرىمنى ئۆگىتىدىغانلار مېنى ھەقىقىي تونۇمىدى، يېتەكچىلەر ماڭا قارشى چىقتى. ساختا پەيغەمبەرلەر بۇت بائالنىڭ نامىدىن ۋەھىي يەتكۈزۈپ، ئۆزلىرىگە قىلچە ياردەم بېرەلمەيدىغان بۇتلارغا چوقۇندى.


باشقىلار: «چۈنكى ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگار خۇدادىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا ئىلاھلارنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئۇلارغا چوقۇنغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ بېشىغا بۇ بالايىئاپەتلەرنى ياغدۇرغان» دەپ جاۋاب بېرىشىدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «يەھۇدىيە خەلقى گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلدى. مەن ئۇلارنى جازالىماي قويمايمەن! ئۇلار مېنىڭ قانۇنۇمدىن يۈز ئۆرۈپ، ئەمرلىرىمگە بويسۇنمىدى. ئۇلار بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ھەق يولدىن ئازدى. ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىمۇ شۇنداق قىلغانىدى.


سىلەر ئەجدادلىرىڭلار زامانىدىن تارتىپ مېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىمدىن چەتنەپ، ماڭا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتىپ كەلدىڭلار. ئەمدى سىلەر مېنىڭ يولۇمغا قايتىپ كېلىڭلار، مەنمۇ سىلەرگە قايتا يار بولاي. بىراق سىلەر: ‹بىز ئەزەلدىن سېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىڭدىن چەتنەپ كەتمىگەن تۇرساق، قانداق قايتىمىز؟› دەپ سورايسىلەر.


كېيىن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، بائالنىڭ بۇتلىرىغا چوقۇندى.


سەن بەلكىم ئۆزۈڭدىن: ‹نېمە ئۈچۈن بۇ كەلگۈلۈكنىڭ ھەممىسى ماڭا كېلىدۇ؟› دەپ سورايسەن. گۇناھلىرىڭنىڭ كۆپلۈكى تۈپەيلىدىن شۇنداق بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن كىيىملىرىڭ يىرتىلىپ، دەپسەندە قىلىندىڭ.


بۇ يەردە ياشىغان خەلقىم رەزىل ئىشلارنى قىلىپ، غەزىپىمنى كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ بالايىئاپەتلەر يۈز بەردى. ئۇلار ئەجدادلىرىڭلار، ھەتتا سىلەرمۇ نامىنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان بۇت ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، قۇربانلىقلارنى كۆيدۈردى.


گۇناھ قىلىپ ئۆتۈپ كەتتى ئەجدادلىرىمىز، ئەمدى بىز ئۇلارنىڭ جازاسىنى تارتماقتىمىز.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite