Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 16:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 سەن كىشىلەرگە بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېيتىپ بەرگىنىڭدە، ئۇلار سەندىن سورايدۇ: «نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگار بىزنى بۇ بالايىئاپەتلەر بىلەن ئاگاھلاندۇرىدۇ؟ بىز نېمىنى خاتا قىلدۇق؟ بىز پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا قارشى قانداق گۇناھ ئۆتكۈزدۇق؟»

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 16:10
11 Referans Kwoze  

ئۇلار سەندىن: ‹نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزگە بۇنداق غەزەپلىنىدۇ؟› دەپ سورايدۇ. سەن ئۇلارغا: ‹چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگاردىن ۋاز كېچىپ، ئۆز زېمىنىڭلاردا بۇتلارغا چوقۇندۇڭلار. شۇڭا سىلەر يات زېمىندا يات ئەللەرنىڭ قۇلى بولىسىلەر› دەپ جاۋاب بېرىسەن.


سەن بەلكىم ئۆزۈڭدىن: ‹نېمە ئۈچۈن بۇ كەلگۈلۈكنىڭ ھەممىسى ماڭا كېلىدۇ؟› دەپ سورايسەن. گۇناھلىرىڭنىڭ كۆپلۈكى تۈپەيلىدىن شۇنداق بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن كىيىملىرىڭ يىرتىلىپ، دەپسەندە قىلىندىڭ.


ئۇلار ماختىنىپ: «بىز باي بولدۇق، ئۆزىمىزگە تايىنىپ باي بولدۇق، ھېچكىم بىزدىن خاتالىق ياكى گۇناھ تاپالمايدۇ» دەيدۇ.


سىلەر تېخى ‹مەن گۇناھسىز، خۇدا ماڭا غەزەپلەنمەيدۇ› دەيسىلەر. ‹مەن گۇناھ قىلمىدىم› دېگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، مەن سىلەرنى جازالايمەن.


مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆزۈم ئۆستۈرگەن بۇ زەيتۇن دەرىخىنى ۋەيران قىلىشقا ئىرادە قىلدىم. چۈنكى ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقى بائالنىڭ بۇتلىرىغا قۇربانلىق قىلىشتەك رەزىل ئىشلارنى قىلىپ، غەزىپىمنى قوزغىدى.


سىلەر: ‹بىز ئۆزىمىزنى بۇلغىمىدۇق! بائالنىڭ بۇتلىرىغا چوقۇنمىدۇق!› دېدىڭلار. ئەمما قانداقمۇ شۇنداق دېيەلەيسىلەر؟ بەنھىننوم جىلغىسىدا ئۆتكۈزگەن قىلمىشىڭلارغا قاراڭلار! ئۆزۈڭلار ئۇ يەردە ئۆتكۈزگەن ئېغىر گۇناھلىرىڭلار ئۈستىدە ئويلىنىڭلار! سىلەر خۇددى چىشى تۆگە كۈيلەش مەزگىلىدە جۈپ ئىزدىگەندەك، بۇتلارنى ئىزدەپ يۈرىسىلەر.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن يېرۇسالېمنى بىر خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن، ئۇ يەرنى چىلبۆرىلەر ماكان قىلىدۇ. مەن يەھۇدىيە شەھەرلىرىنى ۋەيران قىلىمەن، ھېچكىم ئۇ يەرلەردە ياشىيالمايدۇ.»


بۇ يەردە ياشىغان خەلقىم رەزىل ئىشلارنى قىلىپ، غەزىپىمنى كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ بالايىئاپەتلەر يۈز بەردى. ئۇلار ئەجدادلىرىڭلار، ھەتتا سىلەرمۇ نامىنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان بۇت ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، قۇربانلىقلارنى كۆيدۈردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite