Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 15:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 يەتتە بالىسى بار ئانا ھالسىزلىنىدۇ. ئۇنىڭ كۈنلىرى زۇلمەتكە ئايلىنىدۇ، ئۇلار خورلىنىپ، شەرمەندە بولىدۇ. ھايات قالغانلارنى دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قىلىچىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. مانا بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 15:9
14 Referans Kwoze  

بىر بۇردا نان ئۈچۈن مەدىكاردۇر بۇرۇن توق بولغانلار، بۇنىڭدىن كېيىن ئاچ قالماس، ئاچ قالغانلار. تۇغماس ئايال يەتتىنى تۇغار، كۆپ بالىلىق ئايال ئەمدى مۇسىبەتتە قالار.


شۇنى بىلگىنكى، بۇ ئىككى ئازاب تۇيۇقسىز بىر كۈندىلا بېشىڭغا كېلىدۇ. سەن قانچە كۆپ سېھىر ئىشلىتىپ، ئەپسۇنلارنى ئوقۇساڭمۇ، بەرىبىر تۇل قالىسەن، بالىلىرىڭدىن ھەم ئايرىلىپ قالىسەن.


ئاھ، بىر چاغلاردا ئادەملەرگە لىق تولغان شەھەر، ئولتۇرۇپتۇ ئەمدى پېتىپ يالغۇزلۇققا! بىر چاغلاردا ئەللەر ئارا مەشھۇر شەھەر، ئوخشاپ قاپتۇ ئەمدى پەقەت تۇل ئايالغا. بىر چاغلاردا مەلىكە ئىدى ئۇ ئۆلكىلەر ئارا، ئەمدى ئۇ ئوخشاپ قالغان يوقسۇل قۇلغا.


سەندىكى خەلقنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ۋابا ۋە ئاچارچىلىقتا ئۆلتۈرىمەن، ئىككىنچى ئۈچتىن بىر قىسمىنى شەھەر سىرتىدا قىلىچ ئاستىدا ھالاك قىلىمەن، قالغان ئۈچتىن بىر قىسمىنى ھەر يەرگە چېچىۋېتىمەن ھەم قىلىچىمنى كۆتۈرۈپ ئارقىسىدىن قوغلايمەن.


خەلقىم ھالاكەتكە ئۇچرىغىنىدا، ئۆز بالىسىنى پىشۇرۇپ يېدى مېھرىبان ئانا.


مەن سىلەرنى كۆزىتىمەن، بېشىڭلارغا بەخت ئەمەس، بەلكى ئاپەت چۈشۈرىمەن. مىسىردا ياشاۋاتقان يەھۇدىيە خەلقى ئۇرۇش ۋە ئاچارچىلىقتا ئۆلۈپ تۈگەيدۇ.


پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: ‹ئۇنىڭدىن كېيىن مەن، پادىشاھ زىدقىيا، ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە بۇ شەھەردە كېسەل، ئۇرۇش ۋە ئاچارچىلىقتىن ئامان قالغانلارنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ۋە سىلەرنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. پادىشاھ نىبۇكادنەزەر ئۇلارنى قىرغىن قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ھېچقانداق ئىچ ئاغرىتىش، ھېسداشلىق ياكى شەپقەت قىلمايدۇ.›»


ئۇلار: «يېرۇسالېمغا قارشى جەڭ قىلىشقا تەييارلىق قىلىڭلار! كېلىڭلار! چىڭقى چۈشتە ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلايلى!» دەيدۇ. لېكىن بىردەمدىن كېيىن ئۇلار يەنە: «بەك ئەپسۇس، قۇياش پېتىپ قاراڭغۇ چۈشۈۋاتىدۇ.


بۇ قىلمىشلىرى بىلەن ئۇلار ماڭا ئەمەس، ئۆزلىرىگە زەرەر كەلتۈرمەكتە. ئۇلار ئۆزلىرىنى شەرمەندە قىلماقتا!


مەن مۇشۇ جايدا، يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا جايلىرىدا ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە پۈككەن مەقسەتلىرىنى بۇزۇۋېتىمەن. سىلەرنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمىنىڭلارنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن. ئۇلار سىلەرنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرىدۇ. ئاندىن جەسىتىڭلارنى قاغا-قۇزغۇنلار ۋە ياۋايى ھايۋانلارغا يەم قىلىپ بېرىمەن.


لېكىن سىلەرنىڭ ئاناڭلار قاتتىق ئاھانەتكە ئۇچرايدۇ. سىلەر تۇغۇلغان بۇ زېمىن نومۇسقا قالىدۇ. بابىل بارلىق ئەللەر ئىچىدە ئەڭ ئەرزىمەس بىر جايغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇ قۇرۇپ چۆل-باياۋانغا ئايلىنىدۇ.


شۇندىلا ساڭا بولغان غەزىپىم بېسىلىپ، ئاچچىقىم يانىدۇ ۋە ئۆزۈمنى راھەت ھېس قىلىمەن. غەزىپىم ئۈستۈڭگە چۈشكەن ۋاقىتتا، مېنىڭ سۆزلىرىمنىڭ سېنى ياخشى كۆرگەنلىكىمدىن دېيىلگەنلىكىنى بىلىپ قالىسەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite