Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 15:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 مەن ھەممە شەھەرلەردە خەلقىمنى بۇغداي سورۇغاندەك سورۇۋېتىمەن. ئۇلارنى بالىلىرىدىن جۇدا قىلىمەن. مەن ئۆز خەلقىمنى ۋەيران قىلماقچى، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ رەزىل يوللىرىدىن قايتمىدى.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 15:7
21 Referans Kwoze  

ئۇ قولىدىكى كۈرەك بىلەن خاماندىكى ساپ بۇغداينى ئامبارغا، سامىنىنى ئۆچمەس ئوتقا تاشلايدىغان ئادەمگە ئوخشاش، ھەممە ئىنساننى ئايرىيدۇ، - دېدى.


مەن بابىلنى خۇددى بۇغداي سورۇغاندەك سورۇپ ۋەيران قىلىشقا ياللانما لەشكەرلەرنى ئەۋەتىمەن. ھالاكەت كۈنى يېتىپ كەلگەندە، ئۇلار ھەر تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىدۇ.


ئەي پەرۋەردىگار، سېنىڭ سەمىمىيەت ئىزدەيدىغانلىقىڭنى بىلىمەن. سەن بۇ كىشىلەرنى جازالىغان بولساڭمۇ، ئۇلار سۆزلىرىڭگە ئېتىبار قىلمىدى. ھەتتا سەن ئۇلارنى ۋەيران قىلىۋېتىشكە ئازلا قالغان چاغدىمۇ، ئۇلار خاتالىقىنى تۈزىتىشنى خالىمىدى. ئۇلار قەلبلىرىنى خۇددى تاشتەك قاتتىق قىلدى. ئۇلار توۋا قىلىشنى خالىمىدى.


سىلەر ئۇلارنى سورۇۋېتىسىلەر، شامال ئۇلارنى ئېلىپ كېتىدۇ، بوران ئۇلارنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىلەر مەن پەرۋەردىگاردىن خۇرسەن بولىسىلەر. سىلەر مېنى ‹ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا› دەپ پەخىرلىنىسىلەر.


ئەمما بۇ خەلق جازالىنىپ بولۇپمۇ يەنە توۋا قىلمايدۇ. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا قايتىشنى خالىمايدۇ.


ئۇ سۇيىقەستچىلەرنىڭ بالىلىرى ئاچلىقتىن ئۆلسۇن، ئۇلار ئۆزلىرى قىلىچتا ئۆلتۈرۈلسۇن! ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ئەرلىرىدىن ۋە بالىلىرىدىن ئايرىلىپ قالسۇن! ياشانغانلىرى كېسەللىكتىن، ياشلىرى بولسا جەڭ مەيدانىدا قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلسۇن!


بىراق يامانلار ئوخشىماس ئۇلارغا، ئۇلار ئوخشار شامالدا سورۇلغان توپانغا.


سىلەر ئەجدادلىرىڭلارنىڭ جاھىللىقىنى دورىماڭلار. بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر ئۇلارغا مېنىڭ: ‹يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، رەزىل ئىشلاردىن قول ئۈزۈڭلار!› دېگەن سۆزلىرىمنى جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار سۆزۈمگە قۇلاق سالمىدى ھەم ماڭا ئىتائەت قىلمىدى.


پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئەي ئادەم بالىسى، ئۇ كۈن كەلگەندە، مەن ئۇلار خۇشال بولغان، شەرەپ ھېس قىلغان، سۆيگەن، ئارمان قىلغان قورغىنىنى ۋەيران قىلىمەن، پەرزەنتلىرىنىمۇ ئېلىپ كېتىمەن.


ئوغۇل-قىزلىرىڭلار بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بىرسىمۇ يېنىڭلاردا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئەسىرگە ئېلىنىپ، سۈرگۈن قىلىنىدۇ.


«ئىسرائىل خەلقىگە ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەپ ئېيت: ‹سىلەرنى پەخىرلەندۈرگەن، سۆيۈندۈرگەن ۋە قەلبىڭلارنى ئىنتىلدۈرگەن مۇقەددەس ئىبادەتخانامنى بۇلغايمەن. يېرۇسالېمدا قالغان پەرزەنتلىرىڭلار قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدۇ.


چۈنكى ئۆلۈم بىزنىڭ دېرىزىلىرىمىزدىن يامىشىپ، قورغانلىرىمىزغا كىرىپ كەلمەكتە. ئۇ كوچىلاردا ئويناۋاتقان بالىلىرىمىزنى، شەھەر مەيدانلىرىدا توپلانغان ياشلىرىمىزنى ئېلىپ كەتتى.


ئوغۇل-قىزلىرىڭلار يات ئەل تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ قايتىپ كېلىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتىسىلەر، لېكىن قۇتقۇزۇشقا ئامالىڭلار بولمايدۇ.


پەرزەنتلىرىڭلار، ئېتىزلىرىڭلار، چارۋا ماللىرىڭلار قارغىشقا قالىدۇ.


خەلقىم بولغان ئىسرائىللارنى سىلەردە قايتا ياشىتىمەن، ئۇلار سىلەرگە ئىگە بولىدۇ، سىلەر ئۇلارنىڭ مۈلكى بولىسىلەر. ئەمدى ئۇلارنى بالىلىرىدىن مەھرۇم قىلمايسىلەر.


شەرقتە سۈرىيەلىكلەر، غەربتە فىلىستىيەلىكلەر ئېغىزلىرىنى يوغان ئېچىپ ئىسرائىلىيەنى يۇتۇۋالىدۇ. شۇنداقتىمۇ پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بېسىلمايدۇ، ئۇ كۆتۈرگەن قولىنى يەنىلا چۈشۈرمەيدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite