Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 15:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 ئەگەر ئۇلار سەندىن نەگە كېتىشلىرى كېرەكلىكىنى سورىسا، ئۇلارغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «كېسەل بىلەن ئۆلۈشكە بۇيرۇلغانلار كېسەل تارتىپ ئۆلىدۇ! ئۇرۇشتا ئۆلۈشكە بۇيرۇلغانلار ئۇرۇشتا ئۆلىدۇ! ئاچارچىلىقتىن ئۆلۈشكە بۇيرۇلغانلار ئاچارچىلىقتىن ئۆلىدۇ! سۈرگۈن بولۇشقا بۇيرۇلغانلار سۈرگۈن بولىدۇ!»

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 15:2
18 Referans Kwoze  

نىبۇكادنەزەر كېلىپ، مىسىرغا ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىكى پېشانىسىگە كېسەللىك پۈتۈلگەنلىرى، كېسەل بىلەن ئۆلىدۇ، سۈرگۈن قىلىنىش پۈتۈلگەنلىرى سۈرگۈن قىلىنىدۇ، ئۇرۇشتا ھالاك بولۇشقا پۈتۈلگەنلىرى ئۇرۇشتا ھالاك بولىدۇ.


مەن ئۇلارغا مۇنداق دېدىم: _ سىلەرنىڭ پادىچىڭلار بولۇشنى خالىمايمەن. ئۆلىدىغانلىرى ئۆلىۋەرسۇن، ھالاك بولىدىغانلىرى ھالاك بولىۋەرسۇن، ساق قالغانلىرى بىر-بىرىنىڭ گۆشلىرىنى يىيىشسۇن.


«خۇدانىڭ «تۇتقۇن بولىدۇ» دېگىنى چوقۇم تۇتقۇن بولىدۇ. خۇدانىڭ «قىلىچلىنىدۇ» دېگىنى چوقۇم قىلىچلىنىپ ئۆلىدۇ.» شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى سەۋر قىلىشى، ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇشى لازىم.


شەھەرنى قورشاش ۋاقتى توشقاندىن كېيىن، چېچىڭنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى كېسەككە ئويۇلغان شەھەردە كۆيدۈر. ئىككىنچى ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئويۇلغان شەھەرنىڭ سىرتىدا خەنجەر بىلەن توغرا. ئۈچىنچى ئۈچتىن بىر قىسمىنى شامالدا ئۇچۇرۇۋەت. چۈنكى مەن قىلىچىمنى سۇغۇرۇپ، خەلقىمنى كەينىدىن قوغلايمەن.


سەندىكى خەلقنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ۋابا ۋە ئاچارچىلىقتا ئۆلتۈرىمەن، ئىككىنچى ئۈچتىن بىر قىسمىنى شەھەر سىرتىدا قىلىچ ئاستىدا ھالاك قىلىمەن، قالغان ئۈچتىن بىر قىسمىنى ھەر يەرگە چېچىۋېتىمەن ھەم قىلىچىمنى كۆتۈرۈپ ئارقىسىدىن قوغلايمەن.


ئۇلار روزا تۇتقان تەقدىردىمۇ، ئىلتىجالىرىنى ئاڭلىمايمەن. ئۇلارنىڭ ماڭا ئاتىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىنى ۋە ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى قوبۇل قىلمايمەن. ئەكسىچە مەن ئۇلارنى ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە ھەر خىل كېسەللىكلەر بىلەن ۋەيران قىلىمەن.


ۋەھىمىلىك ئاۋازدىن قاچقانلار ئورەككە چۈشىدۇ، ئورەكتىن چىققانلار تۇزاققا چۈشىدۇ. ئاسماننىڭ دەرۋازىسى ئېچىلىپ، ۋەيرانچىلىق يامغۇردەك ياغىدۇ، زېمىننىڭ ئۇلى تەۋرىنىپ كېتىدۇ.


ئاشۇ كۈنى سىلەر خۇددى شىردىن قۇتۇلۇپ، ئېيىققا يولۇققان ئادەمگە، ياكى ئۆيگە ساق قايتىپ كېلىپ، تامغا يۆلىنىشىگىلا قولىنى يىلان چېقىۋالغان ئادەمگە ئوخشاپ قالىسىلەر.


سەن بىزگە ۋە بىزنىڭ يولباشچىلىرىمىزغا قىلغان سۆزلىرىڭنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتىڭ. سەن بىزگە زور بالا-قازا ياغدۇردۇڭ. يېرۇسالېم دۇچ كەلگەن بالايىئاپەت ئەزەلدىن پۈتۈن ئالەمدە بولۇپ باقمىغانىدى.


مەنكى ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: «مەن يېرۇسالېم ئۈستىگە ئۇرۇش، ئاچارچىلىق، يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ ھۇجۇمى ۋە ۋابا قاتارلىق بۇ تۆت خىل دەھشەتلىك ئاپەتنى ئەكېلىپ، ئادەملەر ۋە ھايۋانلارنى نابۇت قىلسام، ئۇلارغا قانچىلىك ئېغىر كېلەر؟


ئۇلارنىڭ ۋەھىيلىرىگە قۇلاق سالغانلارمۇ ئۇرۇش ۋە ئاچارچىلىقنىڭ قۇربانلىرى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى يېرۇسالېم كوچىلىرىغا تاشلىنىدۇ. ھېچكىم ئۇلارنى، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئاياللىرى، ئوغۇل-قىزلىرىنىمۇ دەپنە قىلمايدۇ. مەن ئۇلارغا ۋەيرانچىلىق ياغدۇرىمەن، چۈنكى ئۇلار شۇنىڭغا لايىق.


ئۇلار ئەجەللىك كېسەللەر بىلەن ئۆلىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن قايغۇرغۇدەك ئادەم قالمايدۇ، ئۇلار دەپنە قىلىنمايدۇ. ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى خۇددى ئېتىزغا چېچىلغان گەندىدەك ھەممە يەردە چېچىلىپ ياتىدۇ. ئۇلار ئۇرۇشتا ياكى ئاچارچىلىقتا ئۆلىدۇ. ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى قاغا-قۇزغۇنلار ۋە ياۋايى ھايۋانلارغا يەم بولىدۇ.


مەن مۇشۇ جايدا، يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا جايلىرىدا ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە پۈككەن مەقسەتلىرىنى بۇزۇۋېتىمەن. سىلەرنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمىنىڭلارنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن. ئۇلار سىلەرنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرىدۇ. ئاندىن جەسىتىڭلارنى قاغا-قۇزغۇنلار ۋە ياۋايى ھايۋانلارغا يەم قىلىپ بېرىمەن.


سەن ئۇلارغا يەنە: «مەن سىلەرگە پەقەت بىر تەمسىل بولدۇم. مەن كۆرسەتكەن ئىشلار چوقۇم كەلگۈسىدە سىلەرنىڭ زېمىنىڭلاردا يۈز بېرىدۇ» دەپ ئېيت. ئۇلار ئەسىرگە ئېلىنىپ، سۈرگۈن قىلىنىدۇ.


سەن ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «مەن مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئاشۇ خارابە شەھەردە ياشاۋاتقانلار قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدۇ، دالادا ماكان تۇتقانلارنى ياۋايى ھايۋانلارغا يەم قىلىمەن، قەلئە ۋە ئۆڭكۈرلەرگە مۆكۈنۈۋالغانلار ۋابادا ئۆلىدۇ.


ئۇ چاغدا سىلەرنىڭمۇ باشقا ئەسىرلەرگە ئوخشاش تىز پۈكۈشتىن باشقا ئامالىڭلار يوق، ياكى ئۇرۇشتا ئۆلگەنلەرگە ئوخشاش ئۆلىسىلەر. شۇنداقتىمۇ پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بېسىلمايدۇ، ئۇ كۆتۈرگەن قولىنى يەنىلا چۈشۈرمەيدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite