16 ئى پەرۋەردىگار، قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، سەن ماڭا گەپ قىلساڭ، مەن گېپىڭنى يېدىم، قەلبىم خۇشاللىق ۋە بەختگە تولدى. چۈنكى مەن ساڭا مەنسۇپمەن،
ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىدىن چەتنىمىدىم، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى قەدىرلىشىم يېمەك-ئىچمەكلىرىمنى قەدىرلەشتىنمۇ ئېشىپ كەتتى.
قىممەتتۇر ئۇلار ئالتۇندىن، ھەتتا بارچە ساپ ئالتۇندىن، شېرىندۇر ھەسەلدىن، ھەتتا ھەرە كۆنىكىدىن تامچىغان ھەسەلدىن.
مەڭگۈلۈك مىراستۇر ماڭا پەرزلىرىڭ، شۈبھىسىزكى، شادلىقىدۇر ئۇلار قەلبىمنىڭ.
شۇ قەدەر سۆيىمەن تەلىملىرىڭنى، ياد ئېتىمەن كۈنبويى ئۇلارنى.
ئېيتقان تەلىملىرىڭنى بىلىمەن ئەلا، مىڭلىغان ئالتۇن-كۈمۈشتىن ھەتتا.
ئى پەرۋەردىگار، نېمىشقا قايمۇققان ئادەمگە ئوخشاپ قالدىڭ؟ نېمىشقا ئادەم قۇتقۇزالمايدىغان جەڭچىگە ئوخشايسەن؟ سەن ھەقىقەتەن بىز بىلەن بىللە، ھەمدە بىز ساڭا مەنسۇپ. بىزدىن ۋاز كەچمىگىن!»
ئەي ئادەم بالىسى، سۆزلىرىمگە قۇلاق سال، ئۇلارغا ئوخشاش ئاسىي بولما. ئاغزىڭنى ئاچ، بېرىدىغىنىمنى يە.
ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، بۇنداق دېسەڭلار بولامدۇ؟ پەرۋەردىگارنىڭ سەۋر-تاقىتىنىڭ چېكى يوقمۇ؟ ئۇ مۇشۇنداق بالا-قازالارنى كەلتۈرمەسمۇ؟ مېنىڭ سۆزلىرىم دۇرۇس ئادەملەرگە پايدىلىق ئەمەسمۇ؟
جامائەت ئوقۇلغان مەزمۇننى چۈشەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئۆيلىرىگە قايتىپ، شاد-خۇراملىق ئىچىدە زىياپەت داستىخىنىدىن غىزالاندى ۋە ئۆزىدە بارىنى باشقىلار بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولۇشتى.
سۆيۈندۈردى نىزامىڭ مېنى، ئۇنتۇمايمەن كالامىڭنى.