Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 15:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 مەن مۇنداق دېدىم: _ ئى پەرۋەردىگار، ماڭا نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىسەن، مېنى ئېسىڭدىن چىقىرىپ قويمىغايسەن ۋە ماڭا ياردەم قىلغايسەن. ماڭا زىيانكەشلىك قىلغانلاردىن قىساس ئالغايسەن. ئۇلارغا سەۋر-تاقەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈشىگە ۋاقىت بەرمىگەيسەن! ئېسىڭدە بولسۇنكى، مېنىڭ بۇنداق ئازابلارنى تارتىشىم سەن ئۈچۈندۇر.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 15:15
42 Referans Kwoze  

ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنى بىلىسەن. سەن مېنى كۆزىتىپ، ساڭا بولغان ئويلىرىمنى سىناپ تۇرىسەن. بۇ رەزىل كىشىلەرنى خۇددى بوغۇزلىغىلى ئېلىپ مېڭىلغان قويلاردەك سۆرەپ ئەكەتكەيسەن! ئۇلارنىڭ قاچان ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەيسەن!


ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ھەممە ئادەم سىلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىدۇ،


ئى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، سەن ھەققانىي كىشىلەرنى سىنايسەن، كىشىلەرنىڭ ئوي-پىكىرلىرى ۋە ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى تەكشۈرىسەن. دۈشمەنلىرىمدىن ئىنتىقام ئالغانلىقىڭنى كۆرەي، چۈنكى مەن ساڭا ئەرزىمنى بايان قىلدىم.


ئى پەرۋەردىگار، مەن سېنىڭ خەلقىڭ ئۈچۈن قىلىدىغان خىزمىتىمنى تاشلىمىدىم. مەن ئۇلارنىڭ بېشىغا بالايىئاپەت چۈشۈرۈشۈڭنى خالىمىدىم. مەن ئېيتقان سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى بىلىسەن.


ئاندىن مەن دەم ئېلىش كۈنىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن، لاۋىيلارنىڭ ئۆزلىرىنى پاكلاپ دەرۋازىلارغا قاراۋۇللۇق قىلىشىنى بۇيرۇدۇم. «ئى خۇدايىم، دەم ئېلىش كۈنى ئۈچۈن قىلغانلىرىمنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن، يۈكسەك ۋە مەڭگۈلۈك مېھىر-مۇھەببىتىڭ بىلەن ماڭا رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن!


ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، ھەممە ئادەم سىلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىدۇ، لېكىن ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەرگەنلەر جەزمەن قۇتقۇزۇلىدۇ.


ھەرقاچان ۋەھىيلىرىڭنى يەتكۈزگىنىمدە: ‹زوراۋانلىق ۋە ۋەيرانچىلىق كېلىۋاتىدۇ!› دەپ پەرياد قىلىپ، ۋارقىرىشىم كېرەك. مەن سېنىڭ ۋەھىيلىرىڭنى جاكارلىغىنىم ئۈچۈن، ھەر كۈنى مەسخىرىلەرگە ئۇچراپ، كەمسىتىلدىم.


قاچانغىچە كۈتكۈزەرسەن مەن قۇلۇڭنى، قاچانلىققا جازالارسەن ماڭا زىيانكەشلىك قىلغانلارنى؟


ئى پەرۋەردىگار، ئالغايسەن مېنى ئېسىڭگە، ھىممىتىڭنى كۆرسەتكىنىڭدە ئۆز خەلقىڭگە. خەۋەر ئالغىن ھالىمدىن نىجاتلىقىڭ كەلگەندە.


«ئى خۇدايىم، بۇ خەلق ئۈچۈن قىلغانلىرىمنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن ۋە ماڭا ياخشىلىق قىلغايسەن!»


«ئەي ئەرش، ئەي خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى، ئەلچىلەر ۋە پەيغەمبەرلەر! خۇش بولۇڭلار ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەنلەردىن! چۈنكى، جازالاپ خۇدا ئۇنى، ئېلىپ بەردى سىلەرنىڭ دەردىڭلارنى.»


ئۇلار قاتتىق ئاۋاز بىلەن چۇقان سېلىشىپ: «مۇقەددەس ۋە ئىشەنچلىك ئىگىمىز! يەر يۈزىدە ياشاۋاتقان ئىنسانلارنى قاچان سوراق قىلىپ، ئۇلاردىن قېنىمىزنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىپ بېرىسەن؟» دېيىشەتتى.


مىسكەر ئىسكەندەر ماڭا كۆپ زىيانكەشلىك قىلدى. رەببىمىز چوقۇم ئۇنىڭغا قىلمىشلىرىغا لايىق جازا ياندۇرىدۇ.


رەببىمىزدىن ئەيمىنىشنى بىلگەنىكەنمىز، ئىنسانلارنى بۇ ھەقتە قايىل قىلىشقا تىرىشىمىز. بىزنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمىز خۇداغا ئايان. ۋىجدانىڭلارنىڭمۇ بىزنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمىزنى تونۇپ يېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


قەدىرلىك دوستلار، ئىنتىقام ئالماڭلار، بۇنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار. چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: «پەرۋەردىگار دەيدۇكى، ئىنتىقام ئالغۇچى مەندۇرمەن، ئۇنى مەن چوقۇم قىلىمەن.»


مېنى دەپ ئۆيلىرى، قېرىنداشلىرى، ئاتا-ئانىسى، بالا-چاقىلىرى ياكى يەر-زېمىنلىرىدىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ ھەممىسى يوقاتقانلىرىدىن يۈز ھەسسە ئارتۇقراققا ئېرىشىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتتىن بەھرىمەن بولىدۇ.


مەن پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدىم: _ ھالىمغا ۋاي! نېمە ئۈچۈن ئانام مېنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغاندۇ؟ بۇ زېمىندىكى خەلقنىڭ ھەممىسى ماڭا قارشى چىقىپ، مەن بىلەن جېدەل قىلىدۇ. مەن ھېچكىمگە قەرز بەرمىگەن ۋە ھېچكىمدىن قەرز ئالمىغان. لېكىن ھەممە ئادەم مېنى قارغىشىدۇ.


«ئى پەرۋەردىگار، ساڭا پۈتۈن ساداقىتىم بىلەن، پۈتۈن جان-دىلىم بىلەن خىزمەت قىلغانلىقىمنى بىلىسەن. مەن دائىم سېنىڭ ئالدىڭدا سەن ياخشى دەپ ئويلىغان ئىشلارنى قىلىپ كەلدىم.» ئۇ شۇنداق دەپلا قاتتىق يىغلاپ كەتتى.


يىللىرىڭنىڭ چېكى يوقتۇر ئى خۇدا، جېنىمنى ئالما ئۆمرۈمنىڭ يېرىمىدا.


غەزەپ بىلەن قارىمىغىن ماڭا، ئۆلۈمدىن بۇرۇن چۆمىلەي شادلىققا.


سىناپ مېنىڭ قەلبىمنى، كۆزىتىپ كېچىدە خىيالىمنى، تەكشۈرۈپ باققان بولساڭمۇ مېنى، تاپالمىدىڭ ھېچبىر نۇقساننى. چىڭ يۇماي، دەپ ئويلىدىم ئاغزىمنى.


ئەمەلىيەتتە گۇناھسىزلىقىمنى بىلىسەن، لېكىن قولۇڭدىن مېنى قۇتقۇزۇشقا ھېچكىم قادىر ئەمەستۇر.


مەن يەنە خەلقنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا قۇربانلىق سۇپىسىغا ئوتۇن ئېلىپ كېلىشىنى ۋە تۇنجى ئالغان ھوسۇللىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىشىنى ئورۇنلاشتۇردۇم. «ئى خۇدايىم، مېنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن، ماڭا مېھرىبانلىق قىلغايسەن!»


«ئى خۇدايىم، توبىيا بىلەن سانباللاتنىڭ قىلمىشلىرىنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن، شۇنداقلا مېنى قورقۇتماقچى بولغان ساختا ئايال پەيغەمبەر نوئاديا بىلەن باشقا ساختا پەيغەمبەرلەرنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن!»


ھېچكىم بىزنى ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىن ئايرىۋېتەلمەيدۇ! ھەرقانداق قىيىن ئەھۋال، جاپا-مۇشەققەت، زىيان-زەخمەت، ئاچ-يالىڭاچلىق ۋە خېيىمخەتەر، ھەتتا قىلىچمۇ بىزنى ئۇنىڭدىن ئايرىۋېتەلمەيدۇ!


شىمشون پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىپ مۇنداق دېدى: _ ئەي ئىگەم پەرۋەردىگار، مېنى ئېسىڭگە ئالغايسەن، ئەي خۇدا، ماڭا يەنە بىر قېتىم كۈچ-قۇۋۋەت بەرگەيسەن، مەن ئويۇۋېلىنغان كۆزلىرىم ئۈچۈن فىلىستىيەلىكلەردىن ئىنتىقام ئېلىۋالاي.


ساڭا بولغان ساداقىتىمىزدىن كۈنبويى قىرىلماقتىمىز، سويۇلىدىغان قويلارنىڭ قاتارىدا بولماقتىمىز.


مەن سېنى بۇ كىشىلەرنىڭ ئالدىدا مۇستەھكەم تۇچ تامغا ئوخشاش قىلىمەن. ئۇلار سەن بىلەن جېدەللىشىدۇ، ئەمما يېڭەلمەيدۇ. چۈنكى مەن سەن بىلەن بىللە تۇرۇپ، سېنى قوغدايمەن ۋە قۇتقۇزىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


لېكىن پەرۋەردىگار ھەيۋەتلىك جەڭچىگە ئوخشاش ماڭا يار بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ماڭا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغانلار يىقىلىپ چۈشىدۇ. ئۇلار مېنى يېڭەلمەيدۇ، ئۇلار مەغلۇپ بولۇپ پۈتۈنلەي نومۇسقا قالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىزا-ئاھانەتكە قالغانلىقى مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ.


ئى پەرۋەردىگار، سەن ئۇلارنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قىلغان بارلىق سۇيىقەستىنى بىلىسەن. ئۇلارنىڭ جىنايەتلىرىنى كەچۈرمىگەيسەن! ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆزۈڭدىن ئۆچۈرۈۋەتمىگەيسەن! ئۇلار كۆز ئالدىڭدا مەغلۇپ بولۇپ، يىقىلىپ چۈشسۇن! ئۇلارنى غەزەپ بىلەن جازالىغايسەن!»


ئى پەرۋەردىگار، ئۆتۈنەي، جازالىغىن ئۇلارنى قىلمىشىغا يارىشا!


ئى پەرۋەردىگار، ئۆتۈنەي، غەزەپ بىلەن قوغلاپ يۈرۈپ ئۇلارنى، يوق قىلغايسەن دۇنيادىن تامامىنى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite