13 سىلەرنىڭ بايلىق ۋە مال-مۈلكۈڭلارنى ئۇلارغا ئولجا قىلىپ بېرىۋېتىمەن. سىلەرنىڭ بۇ زېمىندا قىلغان پۈتكۈل گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن، ئۇ نەرسىلەرنى بىكارغا بېرىۋېتىمەن.
زېمىنىڭلارنىڭ ھەممە يېرى گۇناھقا تولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ زېمىندىكى مۇقەددەس تېغىم بىلەن بارلىق بايلىقىڭلار ۋە مال-مۈلكىڭلارنى دۈشمەنلىرىڭلارغا ئولجا قىلىپ تاپشۇرۇپ بېرىمەن.
ئەرزان ساتتىڭ قۇل قىلىپ ئۆز خەلقىڭنى، قەدىر-قىممىتىمىز پايخان بولدى سېتىپ بىزنى.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ھەقسىز سېتىلغانىدىڭلار، مانا ئەمدى ھەقسىز قۇتقۇزۇلىسىلەر.»
مەن بۇ شەھەردىكى بارلىق بايلىقلارنى دۈشمەنلىرىڭلارغا بېرىمەن. مەن بارلىق مەھسۇلاتلار، قىممەتلىك نەرسىلەر ۋە يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ مال-مۈلكىنى دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇلار ھەممە نەرسىنى ئولجا قىلىپ، بابىلغا ئېلىپ كېتىدۇ.
پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ھازىر مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟ خەلقىم سەۋەبسىزلا ئەسىر قىلىندى، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمدارلىرى ماختىنىپ چۇقان سېلىپ، مېنىڭ نامىمنى كۈن بويى ھاقارەت قىلماقتا.
تۇل ئاياللار دېڭىز بويىدىكى قۇملاردىنمۇ كۆپ بولىدۇ. مەن چىڭقى چۈشتە ھالاك قىلغۇچىنى ئەۋەتىپ، ياشلارنى ھالاك قىلىمەن، ئۇلارنىڭ ئانىلىرىغا تۇيۇقسىز دەرد-ئەلەم ۋە قورقۇنچ سالىمەن.
شىبا ۋە دىدان خەلقلىرى ھەمدە تارشىشتىكى سودىگەرلەر سەندىن: ‹سەن بۇلاڭچىلىق قىلغىلى، يەنى توپلانغان قوشۇنۇڭنى باشلاپ، ئالتۇن-كۈمۈش، چارۋا ماللارنى تالان-تاراج قىلغىلى كەلگەنمۇ!؟› دەيدۇ.»
ئۇلارنىڭ مال-دۇنيالىرى بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچرايدۇ، ئۆيلىرى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇلىدۇ. ئۇلار ھېچقاچان ئۆزلىرى سالغان ئۆيلەردە ئولتۇرالمايدۇ. ئۇلارغا ئۆز ئۈزۈمزارلىقىدىن چىققان شارابنى ئىچىش نېسىپ بولمايدۇ.»