Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 15:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئەگەردە مۇسا بىلەن سامۇئىل ئالدىمدا تۇرۇپ، بۇ خەلق ئۈچۈن ماڭا ئىلتىجا قىلغان تەقدىردىمۇ، بۇ خەلققە ھېچقانداق مېھىر-شەپقەت كۆرسەتمەيتتىم. بۇ خەلق كەتسۇن! كۆزۈمدىن يوقالسۇن!

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 15:1
32 Referans Kwoze  

مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، ئۇ يەردە نۇھ، دانىيال ۋە ئايۇپلار ياشىغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار ھەققانىيلىقى ئارقىلىق پەقەت ئۆزلىرىنىلا قۇتقۇزالايتتى.


پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ بۇ خەلق ئۈچۈن دۇئا قىلما.


ئەي يەرەمىيا، بۇ كىشىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلما! ماڭا يېلىنىپ، ئۇلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئىلتىجا قىلما! بالايىئاپەت بېشىغا كەلگەندە، ئۇلار مەندىن ياردەم تىلەپ ئىلتىجا قىلىدۇ. لېكىن مەن ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالمايمەن.


شۇڭا خۇدا ئۇلارنى ھالاك قىلماق بولغانىدى، لېكىن خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان مۇسا چىقىپ رەھىم تىلەپ خۇدانىڭ غەزىپىنى باسقانىدى.


مۇسا ۋە ھارۇنلار ئۇنىڭ روھانىيلىرىدىندۇر، سامۇئىلمۇ ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلغانلاردىندۇر. ئۇلار دۇئا قىلغاندا پەرۋەردىگارغا، بەرھەق ئۇ جاۋاب بەرگەنىدى ئۇلارغا.


ماڭا كەلسەك، مەن سىلەر ئۈچۈن دائىم دۇئا قىلىمەن. ئەگەر سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلمىسام، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولىمەن. مەن سىلەرگە ياخشى ۋە توغرا يولنى كۆرسىتىمەن.


نەتىجىدە پەرۋەردىگار بارلىق ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنى رەت قىلىپ، ئۇلارنى رەھىمسىز دۈشمەنلەرنىڭ قولىغا چۈشۈردى. ئاخىرىدا ئۇلارنى ئۆزىنىڭ نەزىرىدىن يىراق قىلدى.


شۇنىڭ بىلەن سامۇئىل ئېمىۋاتقان بىر قوزىنى ئۆلتۈرۈپ، پۈتۈن پېتى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىپ، پەرۋەردىگارغا سۇندى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئىسرائىللار ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلغانىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئىلتىجاسىنى قوبۇل قىلدى.


شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيە خەلقىگە بولغان غەزىپى چېكىگە يېتىپ، ئۇلارنى ھۇزۇرىدىن قوغلىماقچى بولدى. زىدقىيا بابىل پادىشاھىدىن يۈز ئۆرۈدى.


سىلەرنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇيمەن. سىلەرگە ۋە ئەجدادلىرىڭلارغا بەرگەن بۇ شەھەرنى سىلەر بىلەن قوشۇپ، كۆز ئالدىمدىن يوق قىلىمەن.


ياخشىلىققا يامانلىق قايتىشى كېرەكمۇ؟ ئۇلار ھەتتا مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ، ئورەك كولاۋاتىدۇ. مەن بۇرۇن ئالدىڭغا كېلىپ، ئاشۇ سۇيىقەستچىلەرگە بولغان غەزىپىڭنى بېسىش ئۈچۈن، سەندىن ئۆتۈنگىنىمنى يادىڭدا تۇتقايسەن.


شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: _ ئەگەر توۋا قىلساڭ، مەن سېنى ئەسلىڭگە قايتۇرۇپ، ماڭا خىزمەت قىلالايدىغان قىلىمەن. ئەگەر سەن قۇرۇق گەپ قىلماي، مېغىزلىق گەپ قىلساڭ، يەنىلا سەن مېنىڭ سۆزلىرىمنى يەتكۈزگۈچى بولالايسەن. ئۇ چاغدا كىشىلەر سېنىڭ ئالدىڭغا كېلىپ، سۆزۈڭنى ئاڭلايدىغان بولىدۇ، سەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا بارمايسەن.


چېچەن ئەمەلدارغا ياغار پادىشاھنىڭ ئىلتىپاتى، شەرمەندە ئەمەلدارغا بولسا ئۇنىڭ غەزىپى.


شۇڭا، ئەيسا مەسىھ خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا بولۇپ بىزگە ۋەكىللىك قىلىش ئۈچۈن، ئەرشتىكى ئىبادەت جايىغا تەقلىد قىلىنغان، ئادەم قولى بىلەن ياسالغان مۇقەددەس جايغا ئەمەس، بەلكى ئەرشنىڭ ئۆزىگە كىردى.


شۇڭا مەن، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيمەن: رېكابنىڭ ئوغلى يېھونادابنىڭ ئەۋلادىدىن ماڭا خىزمەت قىلىدىغان ئەركەك ئەسلا كەم بولمايدۇ.» _ دېدى.


قەلبىم تەلپۈنەر ئىسرائىللارنىڭ سەركەردىلىرىگە، مايىلدۇر ئىسرائىللارنىڭ پىدائىيلىرىغا. ئېيتىڭلار ھەمدۇسانا پەرۋەردىگارغا!


ئەتىسى تاڭ سەھەردە، ئىبراھىم پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلەشكەن يەرگە باردى.


يوشۇۋا پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئالدىدا مەينەت كىيىملەر بىلەن تۇراتتى.


ئۇنىڭدىن ئۆتۈندۈم: «ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، ئۆز خەلقىڭنى ھالاك قىلمىغىن! ئۇلار سېنىڭ مۈلكۈڭدۈر، سەن ئۇلارنى ئۇلۇغلۇقۇڭ بىلەن قۇتقۇزدۇڭ، قۇدرەتلىك قولۇڭ بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىقتىڭ.


خەلق سامۇئىلغا: _ بىزنىڭ ئۆلۈپ كەتمەسلىكىمىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭىز خۇداغا دۇئا قىلسىڭىز. چۈنكى بىز پادىشاھ تەيىنلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلىپتىمىز، _ دېدى.


يېرۇسالېم خەلقىنىڭ ئۈمىدسىزلىنىپ يىغلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلاڭلار: ‹بىز پۈتۈنلەي گۇمران بولۇپ، نومۇستا قالدۇق! ئۆيلىرىمىز بۇزۇۋېتىلگەچكە، ئۆز زېمىنىمىزدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدۇق!›»


چۈنكى پەرۋەردىگار: «مەن ھازىر بۇ زېمىندا ياشاۋاتقانلارنى تاشلىۋەتمەكچى. ئۇلارنىڭ باشلىرىغا كۈلپەت ياغدۇرىمەن، تاكى ئۇلار ھېس قىلىپ يەتكۈچە» دېدى.


پەرۋەردىگار ماڭا يەنە مۇنداق دېدى: _ ئۇلار دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈۋاتقان ئۆيگە كىرمىگىن ۋە ئۇلار ئۈچۈن قايغۇرۇپ ماتەم تۇتمىغىن. چۈنكى مەن بۇ كىشىلەرگە بەرگەن ئامانلىقىم، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىم ۋە رەھىمدىللىكىمنى ئېلىپ كېتىمەن.


شۇڭا مەن سىلەرنى بۇ زېمىندىن قوغلاپ، سىلەر بىلمەيدىغان، ھەتتا ئەجدادلىرىڭلارمۇ بىلمىگەن باشقا بىر زېمىنغا ئاپىرىپ تاشلايمەن. ئۇ يەردە سىلەر كېچە-كۈندۈز بۇت ئىلاھلارغا چوقۇنىسىلەر. چۈنكى مەن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت كۆرسەتمەيمەن.›»


كىشىلەر: ‹نېمىشقا يىھوياكىن دېگەن بۇ ئادەم خۇددى چېقىلىپ تاشلىۋېتىلگەن ئىدىشتەك كۈنگە قالىدۇ؟ ئۇ ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى نېمە ئۈچۈن يات بىر زېمىنغا سۈرگۈن قىلىنىدۇ؟› دەپ سورايدۇ.


مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن سېپىلنى قايتا مۇستەھكەملەيدىغان ۋە سېپىلنىڭ بۇزۇلۇپ كەتكەن يېرىدە تۇرۇپ، يۇرتنى قوغدايدىغان ئادەمنى ئىزدىدىم، لېكىن تاپالمىدىم.


ئۇلار روزا تۇتقان تەقدىردىمۇ، ئىلتىجالىرىنى ئاڭلىمايمەن. ئۇلارنىڭ ماڭا ئاتىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىنى ۋە ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى قوبۇل قىلمايمەن. ئەكسىچە مەن ئۇلارنى ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە ھەر خىل كېسەللىكلەر بىلەن ۋەيران قىلىمەن.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنىڭ گىلگالدا قىلغان رەزىللىكلىرى ئۈچۈن مەن ئۇلارغا شۇ يەردە نەپرەتلىنىشكە باشلىدىم. ئۇلارنىڭ قىلغان يامانلىقلىرى تۈپەيلىدىن، ئۇلارنى زېمىنىمدىن قوغلاپ چىقىرىمەن. ئۇلارنى ئەمدى ياخشى كۆرمەيمەن. ئۇلارنىڭ بارلىق يېتەكچىلىرى ئاسىيلاردۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite