Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 14:22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

22 يات ئەللەرنىڭ ئەرزىمەس بۇتلىرى يامغۇر ياغدۇرالامدۇ؟ ئاسماندىن ئۆزلۈكىدىن يامغۇر ياغامدۇ؟ ياق! پەقەت بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز خۇدا سەنلا شۇنداق قىلالايسەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ ئۈمىدىمىز سەندە، چۈنكى پەقەت سەنلا ھەممىگە قادىرسەن.»

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 14:22
39 Referans Kwoze  

ئەي سىئون خەلقى، شادلىنىڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن خۇشاللىق تېپىڭلار. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا يامغۇرلارنى ياغدۇرىدۇ، چۈنكى ئۇ ئىشەنچلىكتۇر. سىلەرگە بۇرۇنقىغا ئوخشاش كۈز ۋە باھار يامغۇرى ياغدۇرۇپ بېرىدۇ.


ئۇلار ھەرگىز ئۆزلىرىگە: ‹پەرۋەردىگارىمىز خۇدادىن ئەيمىنەيلى، ئۇ بىزگە دەل ۋاقتىدا كۈز ۋە باھار يامغۇرلىرىنى ياغدۇرۇپ بەرگەن، ئۇ ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە بىزنىڭ مول ھوسۇل ئېلىشىمىزغا كاپالەتلىك قىلغان› دېمەيدۇ.


ئۇ، زېمىننىڭ تۆت تەرىپىدىن ئەكېلىپ بۇلۇتلارنى، يامغۇر ياغدۇرۇپ ھەم چاقتۇرۇپ چاقماقلارنى، كۇھىقاپلىرىدىن ئېلىپ چىقار شاماللارنى.


پەرۋەردىگار ئېتىزىڭلارغا تېرىلغان ئۇرۇقلارغا يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ. زېمىنىڭلار مول ھوسۇل بېرىپ، باياشاتچىلىق بولىدۇ. شۇ چاغدا سىلەرنىڭ مال-چارۋىلىرىڭلار كەڭ يايلاقلاردا ئوتلايدۇ.


ئۇلار ساختا ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، غەزىپىمنى قوزغىدى، ئەرزىمەس بۇتلار بىلەن ئاچچىقىمنى كەلتۈردى. ئۆز خەلقىم بولمىغان باشقا خەلق ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ھەسىتىنى قوزغايمەن. ئۇلار ئەقىلسىز دەپ قارايدىغان خەلق ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ غەزىپىنى قوزغايمەن.


ئۇ سۆزلىسە، ئاسمان گۈلدۈرلەپ يامغۇر ياغىدۇ. ئۇ زېمىننىڭ چېتىدىن بۇلۇتلارنى يۇقىرى ئۆرلىتىدۇ. ئۇ يامغۇر بىلەن چاقماقنى ئەۋەتىدۇ، ئامبىرىدىن شامالنى قويۇپ بېرىدۇ.


ئاندىن مەن دېدىم: _ ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىم ۋە قورغىنىمدۇرسەن، قىيىنچىلىق كۈنلەردىكى پاناھگاھىمسەن! زېمىننىڭ ئەڭ يىراق چېتىدىن كەلگەن خەلقلەر ساڭا كېلىپ: «ئەجدادلىرىمىزنىڭ ساختا ئىلاھلىرى ۋە كېرەكسىز بۇتلىرىدىن باشقا ھېچنېمىسى بولمىغانىدى.


بۇ بۇتلار ئەرزىمەستۇر، ئۇلار مەسخىرىگە لايىقتۇر. ئۇلارنىڭ ۋەيران بولىدىغان ۋاقىت-سائىتى باردۇر.


قاراڭلار، ئۇلارنىڭ ھەممىسى يالغان ئەمەسمۇ؟ ئۇلار ھېچبىر ئىشنى قىلالمايدۇ، ئۇلار خۇددى شامالغا ئوخشاش يوقلۇقتۇر.»


كۈتمەكتىمەن پەرۋەردىگارنى تەلمۈرۈشتە، ۋۇجۇدۇمدا ئۈمىد بولغاچ ئۇنىڭ سۆزىگە.


دىيانەتلىك، دۇرۇسلۇق قوغدىغاي مېنى، چۈنكى، ساڭا باغلىدىم ئۈمىدىمنى.


چۈنكى ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا: «مەن پەرۋەردىگار يەر يۈزىگە يامغۇر ياغدۇرغۇچە، ئىدىشىڭىزدىكى ئۇن، كوزىڭىزدىكى ماي تۈگىمەيدۇ» دەيدۇ، _ دېدى.


گىلئادنىڭ تىشبى يېزىسىدىن بولغان ئىلياس پەيغەمبەر پادىشاھ ئاخابقا: _ مەن خىزمىتىدە بولۇۋاتقان مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مۇشۇ بىرنەچچە يىل ئىچىدە مېنىڭ ئىلتىجايىمسىز نە شەبنەم چۈشمەيدۇ، نە يامغۇر ياغمايدۇ! _ دېدى.


پەرۋەردىگار سىلەر ئۈچۈن ئەرشتىكى خەزىنىسىنى ئېچىپ، ئۆز ۋاقتىدا يامغۇر ياغدۇرىدۇ، ھەممە ئىشىڭلار بەرىكەتلىك بولىدۇ. سىلەر باشقا نۇرغۇن ئەللەرگە قەرز بېرىسىلەركى، ئۇلاردىن قەرز ئالمايسىلەر.


لېكىن مەن پەرۋەردىگارغا تەلپۈنىمەن، قۇتقۇزغۇچىم خۇدانى كۈتىمەن. خۇدايىم ئىلتىجايىمغا چوقۇم قۇلاق سالىدۇ.


مەن ھوسۇل پەسلىدىن ئۈچ ئاي بۇرۇن يامغۇرنىمۇ توختىتىۋەتتىم. بىر شەھەرگە يامغۇر ياغدۇرسام، يەنە بىر شەھەرگە ياغدۇرمىدىم. بىر ئېتىزغا يامغۇر ياغدۇرۇلسا، يەنە بىر ئېتىز يامغۇرسىز قاغجىراپ قالدى.


ئۇ سۆزلىسە، ئاسمان گۈلدۈرلەپ يامغۇر ياغىدۇ. ئۇ زېمىننىڭ چېتىدىن بۇلۇتلارنى يۇقىرى ئۆرلىتىدۇ. ئۇ يامغۇر بىلەن چاقماقنى ئەۋەتىدۇ، ئامبىرىدىن شامالنى قويۇپ بېرىدۇ.


پەرۋەردىگار سىلەرگە رەھىمدىللىك قىلىشنى كۈتۈۋاتىدۇ، ئۇ سىلەرگە ھېسداشلىق قىلىشقا دائىم تەييار. چۈنكى پەرۋەردىگار ئادالەتلىك خۇدادۇر. ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلىغانلار بەختلىك بولىدۇ.


ئۇ ئاسماننى بۇلۇتلارغا تولدۇرۇپ، كۆكتىن يەرگە يامغۇرىنى ياغدۇرۇپ، تاغ-دالانى ئوت-چۆپلەرگە تولدۇرار.


تەلمۈرۈپ كۈتكىن پەرۋەردىگارنى، دادىل بول، جۈرئەتلىك قىل يۈرىكىڭنى، شۇنداق، تەلمۈرۈپ كۈتكىن پەرۋەردىگارنى.


شەرمەندە بولماس ساڭا ئۈمىد باغلىغانلار، شەرمەندە بولار خائىنلىق قىلىشقا ئۇرۇنغانلار.


زېمىنغا يامغۇر ياغدۇرۇپ، ئېتىزلارنى سۇغىرىدۇ.


ئارىدىن ۋاقىت ئۆتۈپ، قۇرغاقچىلىقنىڭ ئۈچىنچى يىلىغا كەلگەندە، پەرۋەردىگار ئىلياسقا مۇنداق دېدى: _ سەن پادىشاھ ئاخابنىڭ ھۇزۇرىغا بارغىن، مەن زېمىنغا يامغۇر ياغدۇرىمەن.


دۇئالىرىغا ئەرشتە تۇرۇپ قۇلاق سېلىپ، ئۇلارنىڭ، يەنى ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈپ، ئۇلارغا ماڭىدىغان دۇرۇس يولنى كۆرسىتىپ بەرگەيسەن ۋە ئۆز خەلقىڭگە ئاتا قىلغان زېمىنغا شەپقەت قىلىپ، يامغۇر ياغدۇرغايسەن.


شۇنداق قىلغاندا، ئەرشتىكى ئاتاڭلار خۇدانىڭ ھەقىقىي پەرزەنتلىرىدىن بولالايسىلەر. چۈنكى، خۇدا قۇياش نۇرىنى ياخشىلارغىمۇ، يامانلارغىمۇ چۈشۈرىدۇ. يامغۇرنىمۇ ئادالەتلىكلەرگىمۇ، ئادالەتسىزلەرگىمۇ ياغدۇرىدۇ.


بۇ خەلق پەرۋەردىگار توغرىسىدا يالغان سۆزلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇ بىزنى ھېچنېمە قىلمايدۇ! بىزگە ھېچقانداق بالايىئاپەت كەلمەيدۇ. ئۇرۇش ۋە ئاچارچىلىقمۇ بولمايدۇ.


چۈنكى بۇ ئەللەرنىڭ ئېتىقاد يوللىرى ئەھمىيەتسىزدۇر. ئۇلار ئورمانلىقتىن بىر دەرەخنى كېسىدۇ، ھۈنەرۋەن ئەسۋاب ئارقىلىق ئۇنى بۇت قىلىپ ياسايدۇ.


ئۇ ئاشنىلىرىنى قوغلىسىمۇ، يېتىشەلمەيدۇ، ئىزدىسىمۇ تاپالمايدۇ. شۇڭا ئۇ: ‹بىرىنچى ئېرىمنىڭ يېنىغا قايتىپ كېتەيچۇ، بۇرۇنقى ئەھۋالىم ھازىرقىدىن ياخشىراق ئىدى› دەيدۇ.


يامغۇرغا پاسىل، چاقماققا يول بېكىتكەندە،


پەرۋەردىگار ئۆز قۇدرىتى بىلەن زېمىننى ياراتقاندۇر. ئۇ ئۆز دانالىقى بىلەن دۇنيانى بەرپا قىلغاندۇر، شۇنداقلا ئۆز ئەقلى بىلەن ئاسماننى يايغۇچىدۇر.


ئۇلار قىلىچلىرى بىلەن ئاسسۇرلارغا ۋە نىمرودنىڭ زېمىنىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ئاسسۇرلار بىزگە ھۇجۇم قىلىپ، چېگرايىمىزغا ئاياغ باسقاندا، ئۇ بىزنى ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن قۇتقۇزىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite