Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 14:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

17 پەرۋەردىگار ماڭا، خەلقىمگە ئۆز دەردىمنى تۆكۈشنى بۇيرۇدى، شۇڭا مەن مۇنداق دېدىم: «كۆزلىرىمدىن كېچە-كۈندۈز توختىماي ياش ئاقتى. چۈنكى ئۆز قىزىمدەك قەدىرلىك بولغان خەلقىم جاراھەتلەندى. ئۇلار ئېغىر يارىلاندى.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 14:17
20 Referans Kwoze  

خەلقىمنىڭ ۋەيران بولغانلىقىدىن، يۈرىكىم لەختە بولدى. مەن قايغۇردۇم، بەكمۇ ھودۇقۇپ كەتتىم.


ئەي يېرۇسالېم، نېمە دەي ساڭا؟ كىمنىڭ دەردى يېتەر ساڭا؟ ئەي سىئون، قانداق تەسەللى بېرەي ساڭا؟ نېمىگە ئوخشىتاي سېنى، ساقايماستۇر جاراھىتىڭ، تاپالايدۇ جاراھىتىڭگە كىممۇ داۋا؟


ئەگەر سىلەر يەنىلا سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىساڭلار، سىلەرنىڭ بۇ مەغرۇرلۇقۇڭلار ئۈچۈن، پەقەت مەنلا يالغۇز قايغۇرۇپ يىغلايمەن. قاتتىق يىغلايمەن، كۆزلىرىم ئازاب ياشلىرىغا تولىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى سۈرگۈن بولۇپ كېتىدۇ.»


بېشىم قۇدۇق، كۆزلىرىم بۇلاق بولغاي، ئۆلتۈرۈلگەن خەلقىمگە كېچە-كۈندۈز يىغلاي.


شۇڭا مەن سىلەرگە ئېغىر زەربە بېرىشكە باشلىدىم، گۇناھلىرىڭلار سەۋەبىدىن سىلەرنى يوقىتىمەن.


ئەي سىئوننىڭ شەھەر سېپىلى، نىدا قىل چىن قەلبىڭدىن ئىگىمىزگە! كېچە-كۈندۈز ئاقسۇن يېشىڭ دەريا كەبى، كۈن ۋە تۈن يۇمما كۆزلىرىڭنى.


مەن ۋارقىراپ مۇنداق دېدىم: «ھالىمىزغا ۋاي، بىز يارىلاندۇق! جاراھەتلىرىمىز ئېغىر! بىز: ‹بۇ پەقەتلا بىر كېسەللىك، ئۇنىڭغا چىدىيالايمىز!› دەپ ئويلىغانىدۇق.


مەنكى پەرۋەردىگار، سانخېرىب توغرىسىدا مۇنداق دەيمەن: ئەي سانخېرىب، سىئوندىكى قىزلار سەندىن نەپرەتلىنىدۇ، سېنى زاڭلىق قىلىدۇ. يېرۇسالېمدىكى قىزلار سېنى مەسخىرە قىلىدۇ، كەينىڭدىن باش چايقىشىدۇ.


توختاتقايسەن ئەمدى جازالىشىڭنى، كۆتۈرەلمەس تېنىم قولۇڭنىڭ زەربىسىنى.


«پاك قىز ئىدى ئىسرائىلىيە، يىقىلدى، ئۇ ئورنىدىن تۇرالماس ئەمدى. ئۇ تاشلىنىپ قالار ئۆز زېمىنىدا، يۆلەپ تۇرغۇزغۇچى يوقتۇر يېنىدا.»


خەلقلەر بويسۇنمىغاچ قانۇنۇڭغا، كۆز يېشىم دەريا بولۇپ ئاقماقتا.


مېنىڭ قايغۇ-ھەسىرەتلىرىمگە داۋا يوق! يۈرىكىم قاتتىق ئازابلىنىۋاتىدۇ.


مەنكى پەرۋەردىگار، سانخېرىب توغرىسىدا مۇنداق دەيمەن: ئەي سانخېرىب، سىئوندىكى قىزلار سەندىن نەپرەتلىنىدۇ، سېنى زاڭلىق قىلىدۇ. يېرۇسالېمدىكى قىزلار سېنى مەسخىرە قىلىشىپ، كەينىڭدىن باش چايقىشىدۇ.


كۆزلىرىڭلاردىن ياشلار تاراملاپ چۈشكۈچە، ئۇلار تېز كېلىپ سىلەر ئۈچۈن نالە-پەرياد قىلسۇن.


شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «سەن باشقا ئەللەردىن سوراپ باققىن، ئۇلار شۇنداق رەزىل ئىشلارنى ئاڭلاپ بېقىپتىمۇ؟ ئەزىز ئىسرائىل خەلقىم ھەيران قالارلىق ناھايىتى رەزىل ئىشلارنى قىلدى!


تولا يىغلاپ كۆزلىرىمنىڭ نۇرى ئۆچتى، يۈرىكىمگە پىچاق تىققاندەك باغرىم تىتىلدى. چۈنكى خەلقىم ۋەيران، بالىلار، بوۋاقلار شەھەر كوچىلىرىدا ھوشسىز ياتاتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite