Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 14:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ بۇ پەيغەمبەرلەر مېنىڭ نامىم بىلەن يالغان سۆزلەۋاتىدۇ. مەن ئۇلارنى سۆزلەشكە ئەۋەتمىدىم ياكى سۆزلەشكە بۇيرۇمىدىم. مەن ئۇلارغا ھېچقانداق ۋەھىي چۈشۈرمىدىم. ئۇلار خۇدا تەرىپىدىن غايىبانە ئالامەت كۆرسىتىلگەنلىكىنى ئېيتىشىدۇ ۋە يۈز بېرىدىغان ئىشلار ھەققىدە ئالدىن بېشارەت بېرىشىدۇ، لېكىن بۇلار يالغاندۇر. ئۇلار پەقەت ئۆز ئىچىدىن ئويلاپ تاپقان يالغان ئىشلارنى سۆزلەيدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 14:14
32 Referans Kwoze  

ئەمدى ئىسرائىللار ئارىسىدا يالغاندىن كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلەر ۋە ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ خەلقنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان يالغان بېشارەتلىرى يەتكۈزۈلمەيدۇ.


_ بۇ خەۋەرنى بارلىق سۈرگۈندىكىلەرگە يېزىپ ئەۋەتكىن: «بۇ پەرۋەردىگارنىڭ نىخەلاملىق شىمايا ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىدۇر: ‹شىمايا سىلەرگە ۋەھىي يەتكۈزدى. ئەمما مەن ئۇنى تەيىنلىگەن ئەمەس. ئۇ سىلەرنى يالغانغا ئىشەندۈردى.


يالغاندۇر ساختا پەيغەمبەرلىرىڭنىڭ ۋەھىيلىرى. ئۇلار كۆرسىتىپ بەرمىدى گۇناھلىرىڭنى، روناق تاپقان ھالىتىڭگە ئەكەلمىدى سېنى، ئەكسىچە، ساڭا ساختا بېشارەت بەردى.


شەھەردىكى يېتەكچىلەر پارا ئېلىپ، ھۆكۈم چىقىرىدۇ. روھانىيلار بەرگەن تەلىمى ئۈچۈن ھەق ئالىدۇ. ساختا پەيغەمبەرلەر پۇل ئۈچۈن پال ئاچىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمىنى كۈتۈپ: «پەرۋەردىگار ئارىمىزدا، بېشىمىزغا ئاپەت كەلمەيدۇ» دەيدۇ.


ئاتالمىش پەيغەمبەرلەر يالغان سۆزلەيدۇ، روھانىيلار ئۆز ئىختىيارى بويىچە خەلقىنى باشقۇرىدۇ، خەلقىم شۇنى خالايدۇ. لېكىن بالايىئاپەت بېشىغا كەلگەندە ئۇلار نېمە ئىش قىلالايدۇ؟»


سىلەر كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلەر ۋە سالغان پالىڭلار يالغاندۇر. ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان رەزىللەرنىڭ بوينىغا قىلىچ ئۇرۇلىدۇ. چۈنكى ۋاقىت توشتى، سوراق كۈنى كەلدى.


بۇنداق تەلىملەر ۋىجدانى يوقاپ كەتكەن يالغانچى ساختىپەزلەر تەرىپىدىن دۇنياغا تارقىلىدۇ.


ئەگەر بىر ساختا پەيغەمبەر يەنە يالغاندىن ۋەھىي يەتكۈزسە، ئۇنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا: ‹سەن ئەمدى ئۆلىسەن، چۈنكى سەن پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا يالغان ۋەھىي يەتكۈزدۈڭ!› دەيدۇ ۋە ۋەھىي يەتكۈزۈۋاتقان ئۆز ئوغلىنى نەيزە سانجىپ ئۆلتۈرىدۇ.


بۇتلاردىن مەسلىھەت سوراش بىھۇدىدۇر. پالچىلارنىڭ سالغان پاللىرى يالغاندۇر. ئۇلارنىڭ چۈشلەرگە تەبىر بېرىشلىرى تۇتۇرۇقسىزدۇر. ئۇلار قۇرۇق تەسەللى بېرىشىدۇ. شۇڭا خەلق ئازغان قويلاردەك يۈرۈشىدۇ، پادىچىسىز قېلىپ ئازاب ئىچىدە قىينىلىدۇ.


شۇڭا سىلەر ئەمدى يالغاندىن غايىبانە ئالامەت توقۇيالمايسىلەر، پال ئاچالمايسىلەر. مەن خەلقىمنى سىلەرنىڭ چاڭگىلىڭلاردىن قۇتقۇزىمەن. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.›»


«بابىل پادىشاھى سىلەرگە ۋە بۇ زېمىنغا ھۇجۇم قىلمايدۇ» دەپ ۋەھىي يەتكۈزگەن پەيغەمبەرلىرىڭلار ھازىر قېنى؟


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا قولايانىڭ ئوغلى ئاخاب ۋە مائاسېيانىڭ ئوغلى زىدقىيا توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: ‹ئۇلار سىلەرگە مېنىڭ نامىم بىلەن يالغان ۋەھىي يەتكۈزىدۇ. شۇڭا مەن ئۇلارنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇ ئۇلارنى كۆز ئالدىڭلاردا ئۆلتۈرىدۇ.


يەرەمىيا پەيغەمبەر يەنە خانانياغا مۇنداق دېدى: _ ياخشى ئاڭلا، خانانيا! سېنى پەرۋەردىگار ئەۋەتكەن ئەمەس. سەن بۇ خەلقنى يالغان سۆزلىرىڭگە ئىشەندۈرۈۋاتىسەن.


_ بېرىپ، خانانياغا مەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇ سۆزىنى يەتكۈزگىن: «ئى خانانيا، سەن ياغاچ بويۇنتۇرۇقنى چېقىپ تاشلىدىڭ. لېكىن سەن ئۇنىڭ ئورنىغا بىر تۆمۈر بويۇنتۇرۇقنى سالدىڭ.


ئاقساقاللار ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەرلەر باش بولسا، ساختا پەيغەمبەرلەر قۇيرۇقتۇر.


قەدىرلىك قېرىنداشلار، «مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ۋەھىي يەتكۈزدۇم» دەيدىغانلارنىڭ ھەممىسىگىلا ئىشەنمەڭلار. ئۇلارنىڭ روھىنىڭ خۇدادىن كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارنى سىناڭلار. چۈنكى، نۇرغۇن ساختا پەيغەمبەرلەر دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدا پەيدا بولدى.


ئەگەر بىرەر پەيغەمبەر مېنىڭ نامىم بىلەن مەن دېمىگەن سۆزلەرنى قىلسا ياكى باشقا ئىلاھلارنىڭ نامىدا سۆزلىسە، ئۇ چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن.


ئىسرائىللارنىڭ قاراۋۇللىرى قارىغۇدۇر، ھەممىسى بىلىمسىزدۇر. ئۇلار قاۋاشنى بىلمەيدىغان گاچا ئىتلاردۇر، يېتىۋېلىپ چۈش كۆرىدۇ، ئۇلار ئۇيقۇنى ياخشى كۆرىدۇ.


ئۇلار خەلقىمنىڭ يارىسىغا سەل قاراپ ‹ھەممە ئىش ياخشى! ھەممە ئىش جايىدا!› دەپ، قولىنىڭ ئۇچىدىلا داۋالايدۇ. بىراق ئىشلار ئۇلار دېگەندەك ئەمەس.


ئەي پاشكۇر، ساڭا كەلسەك، سەن ئائىلەڭ بىلەن بىرلىكتە بابىلغا سۈرگۈن قىلىنىسەن. سەن ئۇ يەردە ئۆلۈپ، دەپنە قىلىنىسەن. سەن يەتكۈزگەن يالغان ۋەھىيلەرگە ئىشەنگەن بارلىق دوستلىرىڭمۇ ئوخشاش ھالغا چۈشىدۇ.»


_ پەرۋەردىگار: «خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، مەن ئىككى يىل ئىچىدە بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ بارلىق ئەللەرگە سالغان بويۇنتۇرۇقىنى چېقىپ تاشلايمەن» دەيدۇ، _ دېدى. خانانيا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، يەرەمىيا پەيغەمبەر ئۇ يەردىن كەتتى.


پەرۋەردىگار سىئوننىڭ دەرۋازىلىرىنىڭ بالداقلىرىنى بۇزدى، شەھەر دەرۋازىلىرى توپىنىڭ ئاستىدا قالدى. پادىشاھ، يولباشچىلار يات يۇرتلارغا سۈرگۈن قىلىندى، تەۋرات قانۇنى خەلققە ئۆگىتىلمەس، پەرۋەردىگاردىن پەيغەمبەرلەرگە ۋەھىي كەلمەس بولدى.


شۇڭا مەن ئۇلارنىڭ ئاياللىرىنى باشقا ئەرلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى يېڭى ئىگىلىرىگە بېرىمەن. ئۇلارنىڭ ئاددىي كىشىلىرىدىن تارتىپ كاتتا ئەربابلىرىغىچە ھەممىسى ھارام بايلىقنىڭ كويىدا يۈرىدۇ، پەيغەمبەرلەردىن تارتىپ روھانىيلارغىچە ھەممىسى ئالدامچىلىق قىلىدۇ.


_ ئەي ئادەم بالىسى، ئىسرائىلىيەدە يالغان ۋەھىي يەتكۈزۈپ يۈرگەن ساختا پەيغەمبەرلەرگە قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈز. ئۆزى بىلگەنچە سۆزلەپ يۈرىدىغان ئاشۇ ۋەھىيچىلەرگە قارشى ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەي ئەخمەقلەر، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار. ھالىڭلارغا ۋاي! سىلەرگە ۋەھىي كەلمىسىمۇ، سىلەر يالغان ۋەھىيلەرنى توقۇپ چىقىسىلەر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite