5 مەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنىدەك فاراھ دەرياسى بويىغا بېرىپ، ئۇنى يوشۇرۇپ قويدۇم.
مۇسا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر قىلغىنى بويىچە قىلدى.
ئېتىقادى ۋەجىدىن، ئىبراھىم خۇدا ئۇنىڭغا بەرمەكچى بولغان زېمىنغا چاقىرىلغاندا، ئۇ خۇداغا ئىتائەت قىلىپ، قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى بىلمەي تۇرۇپ يولغا چىقتى.
ئەيسا مەسىھنىڭ ياخشى جەڭچىسى بولۇپ، مەن بىلەن بىرگە ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشقا تەييار تۇر.
نۇرغۇن كۈنلەر ئۆتكەندىن كېيىن پەرۋەردىگار ماڭا: _ فاراھ دەرياسى بويىغا بېرىپ، ھېلىقى پوتىنى مەن ساڭا يوشۇرۇپ قويۇشنى ئېيتقان جايدىن ئېلىپ كەلگىن، _ دېدى.
مەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە ۋەھىي يەتكۈزدۈم. ۋەھىي يەتكۈزۈۋاتقىنىمدا ئۇستىخانلارنىڭ تاراق-تۇرۇق ئاۋازلارنى چىقىرىپ، بىر-بىرىگە ئۇلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم.