Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 13:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

23 بىر ئېفىيوپىيەلىك تېرىسىنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتەلەمدۇ؟ يىلپىز ئۆزىنىڭ تاغىل رەڭگىنى ئۆزگەرتەلەمدۇ؟ ياق! سىلەرمۇ ھەمىشە رەزىل ئىش قىلىشقا ئادەتلەنگىنىڭلار ئۈچۈن، ياخشى ئىش قىلىشنى ئۆگىنەلمەيسىلەر. چۈنكى سىلەر ھەمىشە رەزىل ئىش قىلىسىلەر.»

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 13:23
13 Referans Kwoze  

سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، ھەتتا سىلەر ئۆزۈڭلارنى شاخار ۋە ئەڭ كۈچلۈك سوپۇنلار بىلەن يۇساڭلارمۇ پاكىزلانمايسىلەر، مەن يەنىلا رەزىللىكىڭلارنىڭ داغلىرىنى كۆرۈۋالالايمەن.


ئۇلار بىر-بىرىنى ئالدايدۇ ۋە ھېچكىم راست گەپ قىلمايدۇ، بۇ ئادەملەر ئېغىزلىرىنى يالغان سۆزلەشكە ئۆگىتىدۇ. ئۇلار گۇناھ قىلىدۇ ۋە ئۇنى توختىتىشقا قۇربى يەتمەيدۇ.


ئەڭ ساختا نەرسە ئىنسان نىيىتىدۇر. ئۇنى ساقايتقىلى بولماس، ھېچكىم ئۇنى چۈشىنەلمەيدۇ.


ئەي پەرۋەردىگار، سېنىڭ سەمىمىيەت ئىزدەيدىغانلىقىڭنى بىلىمەن. سەن بۇ كىشىلەرنى جازالىغان بولساڭمۇ، ئۇلار سۆزلىرىڭگە ئېتىبار قىلمىدى. ھەتتا سەن ئۇلارنى ۋەيران قىلىۋېتىشكە ئازلا قالغان چاغدىمۇ، ئۇلار خاتالىقىنى تۈزىتىشنى خالىمىدى. ئۇلار قەلبلىرىنى خۇددى تاشتەك قاتتىق قىلدى. ئۇلار توۋا قىلىشنى خالىمىدى.


مەن سىلەرنى جازالىغان بولساممۇ، لېكىن ھېچقانداق پايدىسى بولمىدى. سىلەر مېنىڭ تەربىيەلىرىمگە پىسەنت قىلمىدىڭلار. سىلەرنىڭ قىلىچىڭلار خۇددى ئاچ شىرلاردەك مەن ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈردى.


نېمىدېگەن تاياق قېپى خەلقسىلەر؟ نېمە ئۈچۈن قارشىلىشىشنى توختاتمايسىلەر؟ باشلار يارىلانغان، يۈرەكلەر مادارىدىن كەتكەن.


سوقساڭمۇ بۇغداي سوققاندەك ئەخمەقنى، ئايرىلماس يەنىلا ئۇنىڭدىن ئەخمەقلىقى.


پەرۋەردىگار مۇنداق جاۋاب بەردى: «خەلقىم ھاماقەت، ئۇلار مېنى تونۇمايدۇ. ئۇلار ئەخمەق، ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇلار رەزىل ئىش قىلىشنىڭ پىرلىرىدۇر ئۇلار ياخشىلىق قىلىشنى بىلمەيدۇ.»


سائۇل بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ يەنە ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلارمۇ ھاياجانلانغان ھالدا زىكىر قىلىشىپ كەتتى. سائۇل ئۈچىنچى قېتىم ئادەم ئەۋەتكەندە، ئۇلار ھەم شۇنداق قىلىشتى.


لېكىن سامارىيەگە ئورۇنلاشقان باشقا خەلقلەر پەرۋەردىگارنىڭ بۇ ئەمرىگە قۇلاق سالماي، بۇرۇنقى ئۆرپ-ئادىتى بويىچە ياشاۋەردى.


«ئەگرىنى تۈزلىگىلى بولماس، يوق نەرسىنى سانىغىلى بولماس.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite