Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 13:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 ئاندىن ئۇلارغا مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمنى ئېيتقىن: «مەن پات ئارىدا بۇ زېمىندا ياشىغان بارلىق كىشىلەرنى غەرق مەست قىلىۋېتىمەن. داۋۇتنىڭ تەختىدە ئولتۇرغان پادىشاھلاردىن تارتىپ، تاكى روھانىيلار، پەيغەمبەرلەر ۋە يېرۇسالېمنىڭ پۈتۈن پۇقرالىرىغىچە قاتتىق مەست قىلىمەن.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 13:13
14 Referans Kwoze  

غەزىپىم ئىمانسىز خەلقلەرنى چەيلىدى، قەھرىم ئۇلارنى مەست قىلدى، قانلىرى يەرگە تۆكۈلدى.»


ئويغان، ئەي يېرۇسالېم، ئويغان! ئورنۇڭدىن دەس تۇر! سەن قەدەھتىكى ئادەمنى ئېگىز-پەس دەسسىتىدىغان، پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىكى ئازاب شارابىنى پاك-پاكىز ئىچىۋەتتىڭ.


چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قولىدا بىر قەدەھ بولار، ئۇنىڭغا ئاچچىق، كۆپۈكلۈك شاراب تولغان بولار. قاچانكى خۇدا ئۇنى تۆكسە زېمىنغا، پاسىقلار دۇغلىرىنى قوشۇپ ئىچىۋالار.


ئى خۇدا، ئازاب سالدىڭ ئۆز خەلقىڭگە، جازا شارابىنى ئىچكۈزدىڭ بىزگە.


سىلەر شان-شەرەپكە ئېرىشمەيسىلەر، بەلكى شەرمەندە بولىسىلەر. نۆۋەت سىلەرگە كەلدى، ئىچىڭلار، خەتنىسىزلىكىڭلار ئاشكارىلانسۇن! پەرۋەردىگارنىڭ ئوڭ قولىدىكى ئازابقا تولغان قەدەھنى ئىچىش نۆۋىتى سىلەرگە كەلدى. شان-شەرىپىڭلانىڭ ئورنىنى شەرمەندىلىك ئالىدۇ.


بابىل خۇددى قولۇمدىكى ئالتۇن قەدەھكە ئوخشاش پۈتكۈل دۇنيانى مەست قىلىدىغان غەزىپىم بىلەن تولدى. ئەللەر بابىلنىڭ شارابىنى ئىچىپ، ئەقلىدىن ئازدى.


ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئۇلارغا ئېيتقىن: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ‹بۇ شارابتىن سىلەر تاكى مەست بولۇپ ياندۇرغۇچە ئىچىڭلار. سىلەر تاكى يىقىلىپ چۈشۈپ ئورنۇڭلاردىن تۇرالمىغانغا قەدەر ئىچىڭلار. چۈنكى مەن سىلەرگە ئۇرۇش ئاچىمەن.›»


مەن ساڭا زۇلۇم سالغانلارغا ئۆز گۆشىنى ئۆزىگە يېگۈزىمەن، ئۇلارنىڭ ئۆز قېنىنى ئۆزىگە ئىچۈرۈپ، خۇددى شاراب ئىچكەندەك مەست قىلىۋېتىمەن. ئەنە شۇ چاغدا يەر يۈزىدىكى پۈتۈن ئىنسانلار مەن پەرۋەردىگارنىڭ سېنىڭ قۇتقۇزغۇچىڭ، قوغدىغۇچىڭ ئىكەنلىكىمنى، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان ھەممىگە قادىر خۇدا ئىكەنلىكىمنى بىلىپ قالىدۇ.»


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار دەپ ئاتالغان پادىشاھ مۇنداق دەيدۇ: «مەن بابىلنىڭ ئەمەلدارلىرى، دانىشمەنلىرى، ۋالىيلىرى، باشلىقلىرى ۋە جەڭچىلىرىنى مەست قىلىمەن. ئۇلار مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كېتىپ، قايتا ئويغانمايدۇ.


ئەي، ئازاب-ئوقۇبەت چەككەنلەر، سىلەر مەست، لېكىن بۇ شارابنىڭ سەۋەبىدىن ئەمەس. شۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلاركى،


چۆچۈپ كېتىڭلار، ھاڭ-تاڭ بولۇپ قېلىڭلار! ئەمالاردەك يۈرۈۋېرىڭلار! سىلەر مەست، بىراق شارابتىن ئەمەس. سىلەر دەلدەڭىشىپ ماڭىسىلەر، ئەمما بۇ شاراب ئىچكىنىڭلاردىن ئەمەس.


شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا مۇنداق دەيدۇ: ‹بارلىق شاراب ئىدىشلىرى شاراب بىلەن تولدۇرۇلىدۇ›». ئۇلار بەلكىم ساڭا: «بىزنى شاراب ئىدىشلىرىنىڭ شاراب بىلەن تولدۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، دەپ ئويلامسەن؟» دېيىشى مۇمكىن.


قاراڭلار، مەن ئۆزۈمگە تەۋە قىلغان بۇ شەھەرگە ئاللىقاچان بالايىئاپەت كەلتۈرۈشنى باشلىدىم. شۇڭا سىلەر قانداقمۇ جازالىنىشتىن قېچىپ قۇتۇلالايسىلەر؟ سىلەر جازالانماي قالمايسىلەر! چۈنكى مەن يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە قارشى ئۇرۇش جاكارلاۋاتىمەن. بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.›»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite