Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 12:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

17 ئەمما ھەرقانداق ئەل خەلقى سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىسا، مەن ئۇلارنى پۈتۈنلەي يۇلۇپ تاشلاپ، ۋەيران قىلىۋېتىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 12:17
15 Referans Kwoze  

ساڭا خىزمەت قىلمىغان پادىشاھلىقلار يوقىلىدۇ، ئۇنداق ئەللەر پۈتۈنلەي ھالاك بولىدۇ.


شۇ چاغدا، رەببىمىز ئەيسا خۇدانى تونۇشنى خالىمىغانلارنى ۋە ئۆزى ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلمىغانلارنى جازالايدۇ.


مېنىڭ پادىشاھ بولۇشۇمنى خالىمىغان دۈشمەنلىرىمگە كەلسەك، ئۇلارنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىپ، كاللىسىنى ئېلىڭلار!»


ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئەڭ قۇدرەت تاپقاندا، پادىشاھلىق تۆتكە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ. تەختىگە ئەۋلادلىرى ۋارىسلىق قىلالمايدۇ. ئۇنىڭ تەختى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلىنىپ، باشقىلارغا بېرىلىدۇ. لېكىن پادىشاھلىقلار ئۇ ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقىتتىكىدەك كۈچلۈك بولمايدۇ.


لېكىن ئۇ غەزەپ بىلەن يىلتىزىدىن قومۇرۇلۇپ، يەرگە تاشلاندى. چۆلدىن كېلىدىغان ئىسسىق شەرق شامىلى مېۋىلىرىنى قۇرۇتتى، باراقسان شاخلىرىمۇ قۇرىدى. ئوت ئۇنى يالماپ يوقاتتى.


بۇرۇنقى چاغلاردا، مەن بۇ خەلقنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاپ يىقىتتىم. ئۇلارنى ۋەيران قىلدىم ۋە بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىپ كۆزەتتىم. لېكىن كەلگۈسىدە مەن يەنە ئۇلارنى ئۆستۈرۈپ، قۇدرەتلىك قىلىپ كۆزىتىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!


شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا مەن بىرەر ئەل ياكى پادىشاھلىقنىڭ يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلىنىدىغانلىقى، يىقىتىلىدىغانلىقى ياكى ۋەيران قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولىمەن.


لېكىن مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئېيتقان سۆزلىرىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم ئەمەلگە ئېشىپ، ئەجدادلىرىڭلارنىڭ بېشىغا كەلمىدىمۇ؟! نەتىجىدە، ئۇلار توۋا قىلىشىپ: ‹قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ماڭغان يوللىرىمىزغا ۋە قىلغان قىلمىشلىرىمىزغا تېگىشلىك جازايىمىزنى بېرىپ، ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى› دەپ ئېتىراپ قىلىشتى.»


سىلەرگە غەزەپلەنگەنلەر چوقۇم شەرمەندە بولۇپ، نومۇس قىلىدۇ. سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ ھەممىسى ۋەيران بولۇپ، يوقىلىدۇ.


سىلەردىكى ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى يوقىتىمەن، شەھەرلىرىڭلارنى ۋەيران قىلىمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite