Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 12:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 بۇ ئەللەر ئىلگىرى خەلقىمگە بۇت بائال نامىدىن قەسەم قىلىشنى ئۆگەتتى. ئەگەردە بۇ ئەللەر خەلقىمگە ئوخشاش ماڭا ھەقىقىي ئىبادەت قىلىشنى ئۆگەنسە، ھەمدە مېنىڭ نامىمدىن: «مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلدۇق» دەيدىغان بولسا، ئۇلارنى خەلقىمنىڭ ئارىسىدا گۈللەندۈرىمەن.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 12:16
28 Referans Kwoze  

مېنىڭ نامىم بىلەن قەسەم قىلغاندا، سەمىمىيلىك، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق بىلەن قىلىڭلار. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، باشقا ئەللەرمۇ ئالدىمغا كېلىپ بەخت-سائادەتكە ئېرىشىدۇ. ئۇلار مەندىن پەخىرلىنىدۇ.»


ئۆگزىلەرگە چىقىۋېلىپ، كۈن، ئاي ۋە يۇلتۇزلارغا چوقۇنىدىغانلارنى، ماڭا سەجدە قىلىپ، مېنىڭ نامىمدا قەسەم قىلغان تۇرۇقلۇق، يەنە ئىلاھ مولەكنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغانلارنى ھالاك قىلىمەن.


سىلەر ئاراڭلاردا قالغان باشقا يات خەلقلەر بىلەن ئارىلىشىپ كەتمەڭلار! ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنى تىلغا ئالماڭلار، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلماڭلار، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا سەجدە قىلماڭلار ۋە ئۇلارغا چوقۇنماڭلار!


ئۇ كۈنلەردە نۇرغۇنلىغان خەلقلەر مەن پەرۋەردىگارغا باغلىنىپ، مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ. مەن ئۆزۈم سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ياشايمەن. ئەنە شۇ چاغدا، مەنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ زىكىرىيانى سىلەرگە ئەۋەتكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.


گەرچە ئۇلار مېنىڭ نامىمدىن قەسەم قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار قەسەملىرىدە تۇرمايدۇ.»


ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار يېرۇسالېمنى ‹پەرۋەردىگارنىڭ تەختى› دەپ ئاتايدۇ. بارلىق ئەللەر يېرۇسالېمغا يىغىلىپ، مېنىڭ نامىمغا شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇلار ئەمدى جاھىللارچە ئۆزلىرىنىڭ يامان نىيەتلىرىگە ئەگىشىپ ماڭمايدۇ.


زېمىندا بەخت تىلىگۈچىلەر مەن ھەقىقىي خۇدانىڭ نامى بىلەن بەخت تىلەيدۇ، زېمىندا قەسەم قىلغۇچىلار مەن ھەقىقىي خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىدۇ. چۈنكى بۇرۇنقى ئېغىر كۈنلەر ئۇنتۇلۇپ كېتىلىدۇ، كۆز ئالدىمدىن غايىب بولىدۇ.»


پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «ياقۇپ قەبىلىلىرىنى قايتىدىن تىكلەيسەن، ئىسرائىللاردىن ئامان قالغانلارنى قايتۇرۇپ كېلىسەن، مەن سېنى پەقەت مۇشۇ ئىشلار ئۈچۈنلا خىزمەتكار قىلغىنىم يوق! مېنىڭ نىجاتلىقىم دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە يېتىپ بارسۇن دەپ، سېنى پۈتكۈل ئەللەرگە نۇر قىلىمەن.»


مەن ئۆز نامىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مېنىڭ دېگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى ھەقىقەتتۇر. مېنىڭ سۆزلىرىم ھېچقاچان ئۆزگەرمەيدۇ، پۈتكۈل ئىنسان ماڭا تىزلىنىدۇ، ھەربىر ئىنسان ماڭا سادىق بولىدىغانغا قەسەم ئىچىدۇ.


بىز ئىككىمىز خۇدا ئۈچۈن ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلار. سىلەر بولساڭلار گويا بىز ئىشلەۋاتقان، خۇداغا مەنسۇپ بولغان ئېتىزغا ئوخشايسىلەر. شۇنداقلا، سىلەر يەنە بىز ئارقىلىق سېلىنىۋاتقان خۇدانىڭ ئىمارىتىگە ئوخشايسىلەر.


بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «پەرۋەردىگار دەيدۇكى: مەڭگۈ مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، پۈتكۈل ئىنسان ئالدىمدا تىزلىنىپ سەجدە قىلىدۇ، پۈتكۈل ئىنسان مېنىڭ خۇدا ئىكەنلىكىمنى ئېتىراپ قىلىدۇ.»


ئەي گۈزەللەرنىڭ گۈزىلى، ئەجەبا، بىلمەمسەن ئۇ يەرنى؟ ئۇنداقتا پادامنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ، پادىچىلار چېدىرىنىڭ يېنىدا باققايسەن ئۆچكىلىرىڭنى.


خۇددى ياۋا زەيتۇن دەرىخىنىڭ شاخلىرى باغدىكى شاخلىرى سۇندۇرۇۋېتىلگەن زەيتۇن دەرىخىگە ئۇلانغانغا ئوخشاش، يەھۇدىي ئەمەس سىلەرمۇ سۇندۇرۇۋېتىلگەن ئاشۇ شاخلارنىڭ، يەنى يەھۇدىيلارنىڭ ئورنىغا ئېتىقادىڭلار ئارقىلىق ئۇلاندىڭلار. دېمەك، سىلەر بۇ دەرەخنىڭ يىلتىزىدىن ئوزۇقلۇق ئېلىپ، شىرنىسىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقاندەك، خۇدا ئىبراھىمغا ۋەدە قىلغان بەختتىن بەھرىمەن بولۇۋاتىسىلەر.


بۈگۈن كېچە بۇ يەردە قالغىن. ئەتە سەھەردە مەن ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇنىڭ ساڭا تۇغقانلىق ھەققىنى ئۆتەشنى خالايدىغان-خالىمايدىغانلىقىنى بىلىپ باقاي. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇرچىنى ئادا قىلىپ، سېنى ئەمرىگە ئالسا ياخشى، بۇ ئىش شۇنداق بولسۇن. ئەگەر خالىمىسا، مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سېنى ئۆزۈم ئەمرىمگە ئېلىپ، بۇرچۇمنى ئادا قىلىمەن. ئەمدى سەن تاڭ ئاتقۇچە بۇ يەردە يېتىپ تۇر! _ دېدى.


«مەن پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقىم ئايان بولسۇن دەپ، سېنى تاللىدىم. مەن قولۇڭنى تۇتۇپ، سېنى قوغدايمەن. مەن سېنى ئىسرائىللارغا ئەھدەمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىمەن. مەن سېنى بارلىق ئەللەرنى يورۇتىدىغان نۇر قىلىمەن.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي يېرۇسالېم، قانداقمۇ سېنى كەچۈرەلەيمەن؟ سېنىڭ خەلقىڭ مېنى رەت قىلغان تۇرسا! ئۇلار ھەقىقىي خۇدا بولمىغان بۇتلارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلدى. گەرچە مەن ئۇلارنىڭ بارلىق ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرغان بولساممۇ، ئۇلار ماڭا خۇددى ئېرىگە ساداقەتسىز ئايالدەك مۇئامىلە قىلدى. ئۇلار توپلىشىپ، پاھىشىخانىلارغا ئالدىرىدى.


پەرۋەردىگار خەلققە مۇنداق دېدى: «سىلەر تۆت كوچىدا تۇرۇۋاتىسىلەر، شۇڭا يولۇڭلارنى كۆزىتىڭلار. كونا، ئىشەنچلىك يولنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى سوراڭلار. قايسى يولنىڭ بەخت-سائادەتكە باشلايدىغانلىقىنى سوراپ، شۇنىڭغا ئەگىشىڭلار. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، قەلبىڭلار ئارام تاپىدىغان جاينى تاپالايسىلەر. بىراق خەلقىم: ‹بىز پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا ماڭمايمىز!› دېدى.


ئاندىن مەن دېدىم: _ ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىم ۋە قورغىنىمدۇرسەن، قىيىنچىلىق كۈنلەردىكى پاناھگاھىمسەن! زېمىننىڭ ئەڭ يىراق چېتىدىن كەلگەن خەلقلەر ساڭا كېلىپ: «ئەجدادلىرىمىزنىڭ ساختا ئىلاھلىرى ۋە كېرەكسىز بۇتلىرىدىن باشقا ھېچنېمىسى بولمىغانىدى.


ئەگەر ئاگاھلاندۇرۇلغان ئەل ئۆزلىرى قىلغان رەزىل ئىشلىرىغا توۋا قىلسا، مەن ئۇلارنىڭ بېشىغا بالايىئاپەت چۈشۈرۈش نىيىتىمدىن يانىمەن.


لېكىن مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئېيتقان سۆزلىرىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم ئەمەلگە ئېشىپ، ئەجدادلىرىڭلارنىڭ بېشىغا كەلمىدىمۇ؟! نەتىجىدە، ئۇلار توۋا قىلىشىپ: ‹قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ماڭغان يوللىرىمىزغا ۋە قىلغان قىلمىشلىرىمىزغا تېگىشلىك جازايىمىزنى بېرىپ، ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى› دەپ ئېتىراپ قىلىشتى.»


نۇرغۇن ئەللەر كېلىپ شۇنداق دېيىشىدۇ: «كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ تېغىغا چىقايلى، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا بارايلى، ئۇ يەردە پەرۋەردىگار بىزگە ئۆز يولى توغرۇلۇق تەلىم بېرىدۇ، بىز ئۇنىڭ يولىدا ماڭىمىز.» پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمى سىئوندىن، سۆزى يېرۇسالېمدىن تارقىلىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite