Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 12:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 مېنىڭ خەلقىم بۇغداي تېرىيدۇ، بىراق ئۇلار تىكەنلەردىن ھوسۇل ئالىدۇ. ئۇلار تاكى ھېرىپ چارچىغۇچە ئىشلەيدۇ، بىراق ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئۇلار مەن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى تۈپەيلىدىن ھوسۇل ئالالماي ئۈمىدسىزلىنىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 12:13
19 Referans Kwoze  

سىلەر كۆپ تېرىيسىلەر، لېكىن ئاز ھوسۇل ئالىسىلەر. يەيسىلەر، لېكىن تويمايسىلەر. سۇ ئىچىسىلەر، لېكىن يەنىلا چاڭقاپ تۇرىسىلەر. كىيىم كىيىسىلەر، لېكىن ئىسسىمايسىلەر. ئىش ھەققىڭلار خۇددى تۆشۈك ھەميانغا سېلىنغان پۇلدەك يوقاپ كېتىدۇ.


تېرىغىنىڭلاردىن ھوسۇل ئالالمايسىلەر. زەيتۇنلۇقۇڭلاردىن بەدىنىڭلارنى مايلىغۇدەك ماي، ئۈزۈمۈڭلاردىن گېلىڭلارنى نەملىگۈدەك شاراب چىقمايدۇ.


كۆپ ئۇرۇق چاچساڭلارمۇ ئاز ھوسۇل ئالىسىلەر، چۈنكى زىرائىتىڭلارنى چېكەتكىلەر يەپ كېتىدۇ.


نېمە ئۈچۈن قۇۋۋەتسىز يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالىسىلەر؟ نېمە ئۈچۈن جاپا-مۇشەققەتتە تاپقان پۇلۇڭلارنى سىلەرنى قانائەتلەندۈرەلمەيدىغان نەرسىلەرگە ئورۇنسىز سەرپ قىلىسىلەر؟ سىلەر سۆزۈمگە دىققەت بىلەن قۇلاق سېلىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار ياخشى يېمەكلىكلەرنى يېگەن بولىسىلەر، كۆڭلۈڭلەر توق تۇرىدۇ.


مەن سىلەرنى شۇنداق جازالايمەنكى، سىلەرنى ۋەھىمىگە سېلىپ، ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار قىلىپ، قىزىتماڭلارنى ئۆرلىتىمەن. كۆزلىرىڭلارنى تورلاشتۇرۇپ، تېنىڭلارنى زەئىپلەشتۈرىمەن. چاچقان ئۇرۇقۇڭلار بىكارغا كېتىدۇ، ھوسۇلۇڭلارنى دۈشمىنىڭلار يەيدۇ.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئىنسانلار توپلىغان بايلىقىنىڭ ئوتقا ئوتۇن بولىدىغانلىقىنى، ئەللەرنىڭ بىھۇدە مېھنەت قىلىپ، ھالىدىن كېتىدىغانلىقىنى ئىرادە قىلغان ئەمەسمۇ؟


مەن مۇنبەت زېمىنلارغا قارىدىم، ئۇ چۆلگە ئايلانغانىدى. پەرۋەردىگارنىڭ دەھشەتلىك غەزىپىدىن زېمىندىكى بارلىق شەھەرلەر خارابىلىككە ئايلانغانىدى.»


سىلەر ھازىر نومۇس دەپ قارىغان بۇرۇنقى ئىشلاردىن شۇ چاغدا زادى نېمە پايدا تاپقانىدىڭلار؟ ئۇ ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئۆلۈمدۇر.


مېھنىتىڭلار ئۈنۈمسىز بولىدۇ، چۈنكى يېرىڭلاردىن ھېچنېمە ئۆسمەيدۇ، مېۋىلىك دەرىخىڭلار مېۋە بەرمەيدۇ.


ئۇلار بىر-بىرىنى ئالدايدۇ ۋە ھېچكىم راست گەپ قىلمايدۇ، بۇ ئادەملەر ئېغىزلىرىنى يالغان سۆزلەشكە ئۆگىتىدۇ. ئۇلار گۇناھ قىلىدۇ ۋە ئۇنى توختىتىشقا قۇربى يەتمەيدۇ.


مەن پەرۋەردىگار ئىنسانلارنىڭ يۈرىكىنى تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئويلىرىنى سىنايمەن. مەن ھەركىمنىڭ ئەمەلىيىتىگە ۋە قىلغىنىغا لايىق ياندۇرىمەن.


تاشلاپ بەردى ئۆز قوۋمىنى قىلىچ ئاستىغا، چاچتى ھەم غەزىپىنى ئۇلار بېشىغا.


ئىسرائىلىيەلىكلەر شامال تېرىپ، بوراندىن ھوسۇل ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ زىرائەتلىرى دان تۇتمايدۇ، ئۇنىڭدىن ئۇن چىقمايدۇ. ھوسۇل ئالغان تەقدىردىمۇ، ھوسۇلىنى يات خەلقلەر يەيدۇ.


سىلەر مول ھوسۇل ئېلىشنى ئۈمىد قىلغانىدىڭلار، بىراق ھوسۇلۇڭلار ئاز چىقتى. ھوسۇلۇڭلارنى ئۆيۈڭلارغا ئېلىپ كەلگىنىڭلاردا، مەن يەنە بەرىكىتىنى ئۇچۇرۇۋەتتىم. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى مېنىڭ ئىبادەتخانام تېخىچە خاراب ھالەتتە تۇرسىمۇ، سىلەر ئۆز ئۆيۈڭلارنى ياساش بىلەن بولۇپ كەتتىڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite