Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 11:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 بۇ ئەھدە مەن سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلارنى مىسىردىن _ تۆمۈر تاۋلاش ئوچىقىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىققىنىمدا، ئۇلار بىلەن تۈزگەن ئەھدىدۇر. مەن ئۇلارغا: ‹ئەگەر سىلەر ماڭا ئىتائەت قىلىپ، پۈتۈن ئەمرلىرىمگە بويسۇنساڭلار، سىلەر مېنىڭ خەلقىم بولىسىلەر، مەنمۇ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن› دەپ ئېيتقانىدىم.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 11:4
39 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار سىلەرنى مىسىردىن _ تۆمۈر تاۋلاش ئوچىقىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ بۈگۈنكىدەك قىممەتلىك خەلقى قىلدى.


مەن ئاراڭلاردا بولۇپ، سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن، سىلەر مېنىڭ خەلقىم بولىسىلەر.


خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى بىلەن بۇتلار ئارىسىدا قانداقمۇ بىرلىك بولسۇن!؟ بىز مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى. خۇددى خۇدانىڭ ئېيتقىنىدەك: «خەلقىم ئىچىدە تۇرىمەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يۈرىمەن. ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن، ئۇلارمۇ مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ.»


ئۇلارنى يېرۇسالېمدا ياشاشقا قايتۇرۇپ ئەكېلىمەن. ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ، مەن ساداقەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن.»


مەن ئۇلارغا مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىدىغان قەلب ئاتا قىلىمەن. ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ، شۇنداقلا مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن. چۈنكى ئۇلار چىن يۈرىكى بىلەن مېنىڭ يولۇمغا قايتىپ كېلىدۇ.


چۈنكى ئۇلار ساڭا تەۋەدۇر، سېنىڭ ئۆز خەلقىڭدۇر. سەن ئۇلارنى مىسىردىن، يەنى تۆمۈر تاۋلاش ئوچىقىدىن ئۆزۈڭ ئېلىپ چىقتىڭ.


مەن ئۇلارنى ئوتتا سىنايمەن. ئۇلارنى تاۋلانغان كۈمۈشتەك پاك قىلىمەن. ئۇلارنى ئالتۇننى تاۋلىغاندەك تاۋلايمەن. ئۇلار مېنىڭ نامىمنى چاقىرىدۇ. مەن ئۇلارغا جاۋاب بېرىمەن. مەن: ‹بۇلار مېنىڭ خەلقىمدۇر› دەيمەن، ئۇلار: ‹پەرۋەردىگار بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر› دېيىشىدۇ.»


ئۇلار بۇنىڭدىن كېيىن يىرگىنچلىك بۇتقا چوقۇنۇپ، رەزىل ئىشلار بىلەن ئۆزىنى ناپاك قىلمايدۇ. ئۇلارنى مەندىن قايتا-قايتا يۈز ئۆرۈگەنلىكىدەك گۇناھلىرىدىن قۇتقۇزۇپ چىقىپ پاكلايمەن. ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ، مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن.


سىلەر مەن ئەجدادلىرىڭلارغا ئاتا قىلغان زېمىندا ياشايسىلەر. سىلەر مېنىڭ خەلقىم، مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن.


شۇندىلا ئىسرائىل خەلقىم يولۇمدىن ئازمايدۇ ۋە ئۆزلىرىنى گۇناھلار بىلەن بۇلغىمايدۇ. ئۇلار مېنىڭ خەلقىم، مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»


شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلار قانۇنلىرىمغا رىئايە قىلىدىغان، بەلگىلىمىلىرىمگە بويسۇنىدىغان بولىدۇ. ئۇلار مېنىڭ خەلقىم، مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن.


سىلەر مېنىڭ خەلقىم بولىسىلەر ۋە مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن.»


شۇڭا ھازىر قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى ۋە مېڭىۋاتقان يولۇڭلارنى ئۆزگەرتىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار پەرۋەردىگار سىلەرگە بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىش نىيىتىدىن يانىدۇ.


ئەگەر سىلەر مەن بۈگۈن يەتكۈزگەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلساڭلار، بەختلىك بولىسىلەر.


ئەگەر مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلىپ، ئەمرلىرىمگە رىئايە قىلساڭلار،


سەن ھازىر كەنئاندا مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتىسەن. ئەمما بۇ زېمىننى ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا ئاتا قىلىمەن. ئۇ سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنىڭ مەڭگۈلۈك مۈلكى بولىدۇ. مەن ئۇلارنىڭمۇ خۇداسى بولىمەن!


ئۇ مانا مۇشۇنداق پۈتۈنلەي ئىتائەتمەن بولغاچقا، مۇكەممەل باش روھانىي بولۇش ھۆددىسىدىن چىقىپ، ئۆزىگە ئىتائەت قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن مەڭگۈلۈك قۇتقۇزۇلۇش مەنبەسى بولدى.


ئۇلارغا مەن سىلەرگە بۇيرۇغان بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشنى ئۆگىتىڭلار. مەن ھەقىقەتەنمۇ زامان ئاخىرىغىچە ھەر دائىم سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن.


يىراقتىن كىشىلەر كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى سېلىشقا ياردەم بېرىدۇ. شۇ چاغدا سىلەر مەن زىكىرىيانى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئەۋەتكەنلىكىنى بىلىسىلەر. ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارغا تولۇق ئىتائەت قىلساڭلار، بۇ ئىشلار چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ.


مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ماكان تۇتىمەن ۋە ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن، ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ.


بۇ شەھەرنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇلار ئۇنى ئىشغال قىلىدۇ.


مانا قاراڭلار، مەن سىلەرنى تاۋلىدىم، مەن سىلەرنى كۈمۈشنى ئوتتا تاۋلىغاندەك ئەمەس، بەلكى سىلەرنى ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ ئوچىقىدا تاۋلاپ پاكلىدىم.


سامۇئىل: _ پەرۋەردىگار كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى قىلىشىنى ياخشى كۆرەمدۇ ياكى ئۆزىگە ئىتائەت قىلىشنىمۇ؟ بىلگىنكى، ئىتائەت قىلىش قۇربانلىق قىلىشتىن ياخشىدۇر. پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇش قوچقارنىڭ مېيىنى كۆيدۈرۈپ ھەدىيە قىلىشتىن ئەۋزەلدۇر.


لېكىن مېنى سۆيگەن، ئەمرلىرىمگە ئىتائەت قىلغانلارنىڭ مىڭ ئەۋلادىغىچە مېھرىبانلىق قىلىمەن.


يەھۇدىيەنىڭ جەنۇبىي چۆللۈكىدىكى ھايۋانلار توغرىسىدىكى ۋەھىي: «يەھۇدىيەنىڭ ئەلچىلىرى ئېشەكلەرگە بايلىقلارنى ئارتىپ، تۆگىلەرگە خەزىنىلىرىنى يۈكلەپ، شىرلار ۋە زەھەرلىك يىلانلار ماكانلاشقان خەتەرلىك زېمىنلاردىن ئېغىر مۈشكۈلات ۋە جاپالار بىلەن ئۆتۈپ، ئۆزلىرىگە قىلچىمۇ ياردەم قىلالمايدىغان بىر دۆلەتكە ئاپىرىپ بېرىدۇ.


چۈنكى مەن ئەجدادلىرىڭلارنى ماڭا ئىتائەت قىلىشقا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ تۇردۇم. مەن ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان كۈندىن تارتىپ تاكى بۈگۈنگىچە قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇردۇم.


يەرەمىيا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: _ سەن ئۇلارغا تاپشۇرۇلمايسەن. مېنىڭ دېگىنىم بويىچە ئىش قىلىپ، پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلغىن. شۇندىلا ھەممە ئىشلىرىڭ ياخشى بولىدۇ ۋە ھاياتىڭ قۇتقۇزۇلۇپ قالىدۇ.


ئاندىن پادىشاھ نىبۇكادنەزەر لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈۋاتقان خۇمداننىڭ ئېغىزىغا كېلىپ: _ ئەي شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولار، يەنى ئۇلۇغ خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى، بۇ ياققا چىقىڭلار، _ دەپ ۋارقىرىدى. شۇنىڭ بىلەن شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولار ئوتتىن چىقتى.


«مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن، سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇردۇم.


ئۇ پەرۋەردىگارغا سادىق بولۇپ، ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمەي، ئۇنىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە بۇيرۇغان ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite