Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 11:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 ئاناتوت شەھىرىدىكى بەزى خەلقلەر تەھدىت سېلىپ: «پەرۋەردىگار نامىدىن ۋەھىي يەتكۈزۈشنى توختات! بولمىسا بىز سېنى ئۆلتۈرىمىز!» دەپ مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانىدى.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 11:21
22 Referans Kwoze  

بىراق سىلەر ماڭا ئالاھىدە بېغىشلىغان بۇ كىشىلەرنى شاراب ئىچىشكە مەجبۇرلىدىڭلار. سىلەر پەيغەمبەرلەرنى ۋەھىي يەتكۈزۈشتىن توستۇڭلار.


مەن ماڭا قارشى سۇيىقەست قىلماقچى بولغانلارنىڭ نۇرغۇنلىغان كۇسۇرلاشلىرىنى ئاڭلىدىم. ھەممە يەردە مېنى ۋەھىمە باسىدۇ! ئۇلار: ‹كېلىڭلار، ئۇنى ئەيىبلەيلى، بىز ئۇنى ئەيىبلەيلى!› دېيىشىدۇ. بارلىق يېقىن دوست-بۇرادەرلىرىم خاتالىق ئۆتكۈزۈشۈمنى كۈتىدۇ، ئۇلار ‹بەلكىم ئۇ ئالدام خالتىمىزغا چۈشەر، ئاندىن بىز ئۇنى يېڭىپ، ئىنتىقام ئالىمىز› دەپ كۇسۇرلىشىدۇ.


ئۇلار غايىبنى بىلگۈچىلەرگە: ‹غايىبانە ئالامەتلەرنى سۆزلىمەڭلار!› دەيدۇ. ئۇلار پەيغەمبەرلەرگە: ‹بىزگە توغرا-خاتا توغرىسىدىكى ۋەھىيلەرنى يەتكۈزمەڭلار. بىزگە شېرىن سۆزلەرنى قىلىڭلار، بىزگە خىيالىي، يالغان نەرسىلەرنى سۆزلەپ بېرىڭلار.


بىراق شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، ھېچقانداق پەيغەمبەر ئۆز يۇرتىدا ھەرگىز قارشى ئېلىنمايدۇ.


قالغانلىرى ھېلىقى چاكارلارنى تۇتۇۋېلىپ، قاتتىق ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ.


لېكىن، ئىجارىكەشلەر قۇللارنى تۇتۇۋېلىپ، بىرىنى دۇمبالاپتۇ، بىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ، يەنە بىرىنى چالما-كېسەك قىپتۇ.


قېرىنداش قېرىندىشىغا، ئاتا بالىسىغا خائىنلىق قىلىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىدۇ. بالىلارمۇ ئاتا-ئانىسى بىلەن قارشىلىشىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە ئىتتىرىدۇ.


ئوغۇل ئاتىسىنى كەمسىتىدۇ، قىز ئانىسىغا، كېلىن قېيىنئانىسىغا قارشى چىقىدۇ. ھەركىمنىڭ دۈشمىنى ئۆز ئائىلىسىدىدۇر.


يەرەمىيا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر قىلغانلىرىنى خەلققە سۆزلەپ بولغان ھامان روھانىيلار، ساختا پەيغەمبەرلەر ۋە بارلىق كىشىلەر ئۇنى تۇتۇپ: _ سەن ئۆلۈشكە لايىق!


بۇلار خىلقىيانىڭ ئوغلى يەرەمىيانىڭ سۆزلىرىدۇر. يەرەمىيا بىنيامىن قەبىلىسىگە قاراشلىق زېمىندىكى ئاناتوت شەھىرىدىكى بىر روھانىي ئىدى.


_ تاغاڭ شاللۇمنىڭ ئوغلى خانامئېل يېنىڭغا كېلىپ، ساڭا: «ئاناتوتتىكى ئېتىزلىقىمنى سېتىۋالغىن، چۈنكى سەن مېنىڭ ئەڭ يېقىن تۇغقىنىمدۇرسەن. قانۇنغا ئاساسەن سەن ئۇ يەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىشقا ئەڭ ھوقۇقلۇقسەن.» دەيدۇ.


مەن ئۇلارنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى قۇشلار ۋە ياۋايى ھايۋانلارغا يەم بولىدۇ.


ئۇلار ساڭا ھۇجۇم قىلىدۇ، بىراق ئۇلار سېنى يېڭەلمەيدۇ. مەن ساڭا يار بولىمەن، سېنى قۇتقۇزىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite