16 مەن پەرۋەردىگار بۇرۇن ئۇلارنى «ياخشى مېۋە بېرىدىغان بۈك-باراقسان زەيتۇن دەرىخى» دەپ ئاتىغانىدىم، لېكىن ھازىر مەن ئۇلارنى دەھشەتلىك ئوتتا كۆيدۈرۈپ، شاخلىرىنى قۇرۇتۇپ تاشلايمەن.
شاخ-شۇمبىلار سۇنۇپ، قۇرۇپ قاقشال بولغاندا، ئاياللار تېرىپ ئەكېلىپ ئوتۇن قىلىدۇ. بۇ خەلق ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدۇ، شۇڭا ياراتقۇچى ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ ئولتۇرمايدۇ، ئۇلارنى ئاپىرىدە قىلغۇچى ئۇلارغا شاپائەت قىلمايدۇ.
مەن خۇددى باراقسان ئۆسكەن زەيتۇن دەرىخىمەن، خۇدانىڭ ئۆيىدە مۇستەھكەم گۈللىنىپ ئۆسىمەن، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە مەڭگۈ ئىشىنىمەن.
مانا ئۇ كېسىۋېتىلدى، كۆيدۈرۈلدى ئوتتا، ھالاك بولماقتا غەزەپلىك بېقىشىڭدا.
مەندە بولمىغان كىشى كېرەكسىز شاخلارغا ئوخشاش تاشلىۋېتىلىپ، قۇرۇپ كېتىدۇ. بۇنداق شاخلار يىغىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ.
پالتا دەرەخنىڭ يىلتىزىغا يېقىنلاشقاندەك، خۇدانىڭ غەزىپى ئەمدى سىلەرگە يېتىپ كېلىش ئالدىدا. ياخشى مېۋە بەرمەيدىغان دەرەخلەر كېسىلىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ.
مەن پەرۋەردىگار ئېيتىمەنكى، قىلمىشلىرىڭلارغا قاراپ، سىلەرنى تېگىشلىك جازاغا تارتىمەن. ئورمىنىڭلارغا ئوت قويىمەن، بۇ ئوت ئەتراپتىكى ھەممە نەرسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ.»
چۈنكى ساڭا ئۆچ بولغانلار باش كۆتۈرۈپ چىقماقتا. ساڭا دۈشمەن بولغانلار شۇنچە داۋراڭ سالماقتا.
دۇنيانىڭ رەببى ئالدىدا تۇرغان ئىككى تۈپ زەيتۇن دەرىخى ۋە ئىككى چىراغدان مانا شۇ گۇۋاھچىلاردۇر.
پۈتۈن زېمىنىڭلاردا زەيتۇن دەرىخى ئۆسسىمۇ، تېنىڭلارغا زەيتۇن يېغى سۈرتەلمەيسىلەر. چۈنكى زەيتۇنۇڭلار پىشماي تۇرۇپ، تۆكۈلۈپ كېتىدۇ.
ئۇلار خۇددى قۇياش نۇرىدا باراقسان ئۆسكەن ئۆسۈملۈكتەك باغنى قاپلايدۇ.
شۇڭا مەن دەيمەنكى، مەن غەزەپ-نەپرىتىمنى بۇ زېمىنغا، يەنى بۇ زېمىندىكى ئىنسانلار، ھايۋاناتلار، شۇنداقلا دەل-دەرەخلەر ۋە زىرائەتلەرگە ياغدۇرىمەن. غەزەپ-نەپرىتىم ئۆچۈرگىلى بولمايدىغان ئوتتەك يالقۇنلايدۇ.
ئۇلار يۇمران بىخ چىقىرىپ، زەيتۇن دەرىخىدەك گۈزەللىشىدۇ، لىۋاننىڭ كېدىر دەرەخلىرىدەك پۇراق چاچىدۇ.
قانات ئاستىڭغا ئالغايسەن ئۆزۈڭ تاللىغاننى، ئامان قىلغايسەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئۆستۈرگەننى.
مەن سىلەرنى ئەلا كۆچەتتەك تىككەنىدىم، سىلەر ئەڭ ياخشى ئۇرۇقتىن ئۆسكەنىدىڭلار. نېمە ئۈچۈن سىلەر ھېچنېمىگە يارىمايدىغان ياۋا ئۈزۈم تېلىغا ئايلىنىپ قالدىڭلار؟