Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 11:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 ئەي يەھۇدىيەلىكلەر، قانچىلىك شەھىرىڭلار بولسا شۇنچىلىك بۇت ئىلاھىڭلار بار. يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرى قانچە كۆپ بولسا، سىلەرمۇ بائالنىڭ يىرگىنچلىك بۇتلىرى ئۈچۈن شۇنچە كۆپ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ياسىدىڭلار.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 11:13
24 Referans Kwoze  

سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلار ياسىۋالغان ئىلاھىڭلار قېنى؟ قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، ئۇلار سىلەرنى قۇتقۇزسۇن. ئەي يەھۇدىيە خەلقى، سىلەرنىڭ قانچە شەھەرلىرىڭلار بولسا شۇنچىلىك ئىلاھلىرىڭلار بار!


پادىشاھ يوشىيا يەنە يېرۇسالېمنىڭ شەرقىگە جايلاشقان «بۇزۇقچىلىق تېغى»نىڭ جەنۇبىدىكى غەيرىي سەجدىگاھلارنى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى سۇلايمان سىدونلۇقلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىلاھەسى ئاشتورەت، موئابلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىلاھى كىموش ۋە ئاممونلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىلاھى مولەككە ئاتاپ سالدۇرغان سەجدىگاھلارنى ۋەيران قىلدى.


گىلئادلىقلار گۇناھقا پاتمىدىمۇ؟ ئۇلار ھەقىقەتەن يارامسىز خەلقتۇر. ئادەملەر گىلگالدا بۇقىلارنى قۇربانلىق قىلمىدىمۇ؟ لېكىن ئۇلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرى ۋەيران قىلىنىپ، ئېتىز قىرىدىكى تاش دۆۋىلىرىگە ئوخشاپ قالىدۇ.


ئۇلار ئىلاھ بائالغا ئاتاپ بەنھىننوم جىلغىسىدا سەجدىگاھلارنى سالدى. بۇ جايلاردا ئۆزلىرىنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىنى بۇت ئىلاھ مولەككە قۇربانلىق قىلدى. مەن ئۇلارغا بۇنداق يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلىشنى ئەمر قىلمىغان، ھەتتا ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان! مەن ئۇلارنى ھەرگىزمۇ گۇناھ قىلىشقا ئازدۇرمايمەن.


ئۇلار بائالنىڭ بۇتلىرىغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىدىغان سەجدىگاھلارنى ياسىدى ۋە ئۆز بالىلىرىنى ئۇ يەردە قۇربانلىق قىلىپ كۆيدۈرۈۋەتتى! مەن ئەزەلدىن ئۇلارغا بۇنداق قۇربانلىق قىلىشنى ئەمر قىلمىغان ۋە ئۇلارغا ئېيتىپمۇ باقمىغان، ھەتتا ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان!


ئوغرىلىق، قاتىللىق، زىناخورلۇق قىلىسىلەر، قەسەم بەرگەندە يالغان سۆزلەيسىلەر، بائالنىڭ بۇتلىرىغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىسىلەر، ئۆزۈڭلار بىلمىگەن يات ئىلاھلارغا چوقۇنىسىلەر.


بىز نومۇسسىزلارچە بۇتلارغا چوقۇنغانلىقىمىزدىن تارتىپ، ئەجدادلىرىمىز ئىشلەپ تاپقان ھەممە نەرسىمىز يوق بولدى، چارۋا ماللىرىمىز ۋە ئوغۇل-قىزلىرىمىزدىن ئايرىلدۇق.


ئۇلارنىڭ زېمىنى بۇتلارغا تولدى، ئۇلار ئۆز ئىجادىيىتىگە، يەنى ئۆز قوللىرى بىلەن ياسىۋالغان بۇتلارغا چوقۇندى.


مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆزۈم ئۆستۈرگەن بۇ زەيتۇن دەرىخىنى ۋەيران قىلىشقا ئىرادە قىلدىم. چۈنكى ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقى بائالنىڭ بۇتلىرىغا قۇربانلىق قىلىشتەك رەزىل ئىشلارنى قىلىپ، غەزىپىمنى قوزغىدى.


بۇ خەلق مەندىن ۋاز كېچىپ، بۇ جاينى بۇلغىغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق قىلىمەن. ئۇلار بۇ يەردە ئۆزلىرى، ئەجدادلىرى ھەتتا يەھۇدىيە پادىشاھلىرىمۇ نامىنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان بۇت ئىلاھلارغا ئاتاپ قۇربانلىقلارنى قىلدى. ئۇلار بۇ جاينى گۇناھسىز بالىلارنىڭ قانلىرى بىلەن بويىدى.


_ سىلەر ۋە سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار، پادىشاھلىرىڭلار ۋە ئەمەلدارلىرىڭلار، شۇنداقلا بۇ زېمىندىكى باشقا كىشىلەرنىڭ يەھۇدىيە شەھەرلىرى ۋە يېرۇسالېم كوچىلىرىدا بۇت ئىلاھلارغا قۇربانلىق كۆيدۈرگەنلىكىنى خۇدا بىلمەيدۇ ياكى ئۇنتۇپ قالدى، دەپ ئويلامسىلەر؟!


مەن موئابتا غەيرىي سەجدىگاھلاردا قۇربانلىق سۇنىدىغانلارنى ۋە ئۆزىنىڭ ئىلاھلىرىغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىدىغانلارنى يوق قىلىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


يەنە قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ئۆزۈڭگە سۇپا ياسىدىڭ، ھەرقايسى مەيدانلارغا ئېگىز بۇتخانىلارنى سالدۇردۇڭ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن دەسلەپ ئىسرائىللارنى تاپقاندا، خۇددى چۆللۈكتە ئۈزۈم تاپقاندەك بولغانىدىم، ئەجدادلىرىڭلارنى بىرىنچى قېتىم كۆرگەندە، خۇددى ئەنجۈر دەرىخىدىكى تۇنجى پىشقان ئەنجۈرلەرنى كۆرگەندەك بولغانىدىم. لېكىن ئۇلار بائال-پىئورغا كەلگەندە، ئۆزلىرىنى ئادەمنى نومۇس قىلدۇرىدىغان بۇتقا بېغىشلاشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرى ياخشى كۆرگەن ئاشۇ بۇتقا ئوخشاش يىرگىنچلىك بولۇپ قالدى.


يەھۇدىيەنىڭ ھەممە شەھەرلىرىدە غەيرىي سەجدىگاھلارنى ياسىتىپ، ساختا ئىلاھلارغا قۇربانلىق قىلىپ، ئەجدادلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى.


بىز ئەسلى خىجالەتچىلىكنى كۆرپە، نومۇسنى يوتقان قىلىشىمىز كېرەك ئىدى. لېكىن بىزمۇ ئەجدادلىرىمىزغا ئوخشاش ھەمىشە پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلىپ كەلدۇق. بالىلىق دەۋرىمىزدىن تارتىپ تاكى مۇشۇ كۈنگىچە بىز ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلماي كەلدۇق.›»


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئى يەھۇدىيە خەلقى، گۇناھلىرىڭلار تۆمۈر قەلەم بىلەن تاش يۈرىكىڭلارغا، قۇربانلىق سۇپىلىرىڭلارنىڭ بۇرجەكلىرىگە ئويۇپ يېزىلغاندۇر.


لېكىن خەلقىم مېنى ئۇنتۇپ كەتتى ۋە ئەرزىمەس بۇتلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلدى! شۇ سەۋەبتىن ئۇلار كونا، ئىشەنچلىك يولدىن ۋاز كېچىپ، پۇتلىشىپ كەتتى. مېنىڭ يولۇمغا ئەگىشىشنىڭ ئورنىغا ئەگرى-توقاي ۋە ئەسكى يوللاردا ماڭدى.


لېكىن ئۇلار سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدى، پەرۋا قىلمىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ رەزىل يوللىرىدىن يانماي، بۇت ئىلاھلارغا قۇربانلىق كۆيدۈرۈشنى توختاتمىدى.


ئىسرائىلىيە بۈك-باراقسان ئۈزۈمزارلىق ئىدى. ئۈزۈمدىن شۇنچە كۆپ ھوسۇل ئالاتتى. ئىسرائىلىيەلىكلەر ئۈزۈمدىن قانچە كۆپ ھوسۇل ئالغانچە، بۇتلىرى ئۈچۈن شۇنچە كۆپ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ياسىدى. يېرىدىن چىققان مەھسۇلاتلىرى قانچە مول بولغانسېرى، ئۇلار بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلەرنى شۇنچە بېزىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite