4 ئۇنى كۈمۈش ۋە ئالتۇن بىلەن زىننەتلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۆرۈلۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، بولقا ۋە مىخلارنى ئىشلىتىپ، ئۇنى چىڭىتىدۇ.
ئۇلار بۇ بۇتنى مۈرىلىرىگە ئېلىپ كۆتۈرۈشۈپ، ئۇنى بىر جايغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، بۇ بۇت شۇ جايدا قىمىرلىماي تۇرىدۇ. بىركىم ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلسا، ئۇ جاۋاب قايتۇرمايدۇ. ئۇ ھېچكىمنى ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن قۇتقۇزالمايدۇ.
بۇت ياسايدىغان تۆمۈرچى مېتال ئەسۋاب بىلەن بۇيۇمنى ئوتقا سېلىپ قىزىتىدۇ، بولقىسى بىلەن سوقۇپ، ئۇنى ياسايدۇ، قولىنىڭ كۈچى بىلەن ئىشلەيدۇ، قورسىقى ئېچىپ ۋە ھېرىپ كېتىدۇ، ئۇ چاڭقاپ مادارىدىن كېتىدۇ.
ئالتۇن بىلەن كۈمۈشتۇر يات ئەللەرنىڭ بۇتلىرى، ياسىغاندۇر ئۇلارنى ئىنسانلارنىڭ قوللىرى.
يات خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرى ئالتۇن-كۈمۈش بۇتتۇر پەقەت، ئۇلارنى ئىنسان ئۆز قولىدا قىلىدۇ ئىجاد.
بەزىلەر ھەميانلىرىدىن ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى چىقىرىشىپ، تارازىلاردا ئۆلچەيدۇ، ئۇلار ئۇستىلارنى ياللاپ، بۇ ئالتۇن-كۈمۈشلەردىن بىر بۇت ياسايدۇ، ھەمدە بۇ بۇتقا سەجدە قىلىپ چوقۇنىدۇ.
ھازىر ئۇلار گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلىشماقتا. ئۇلارنىڭ ئۇستىلىرى ئۆز تەسەۋۋۇرى ۋە ھۈنىرىگە تايىنىپ، كۈمۈشلىرى بىلەن بۇت ياسايدۇ. ئاندىن باشقىلار ئۇلار ھەققىدە: «ئۇلار ئادەملەرنى قۇربانلىق قىلارمىش، موزاي بۇتلارنى سۆيەرمىش» دېيىشىدۇ.
ياغاچقا: ‹ئويغان!›، جانسىز تاشقا: ‹تۇر!› دېگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! بۇ بۇتلار سىلەرگە يول كۆرسىتەلەمدۇ؟ قاراپ بېقىڭلارچۇ، گەرچە ئۇنىڭ سىرتى ئالتۇن-كۈمۈش بىلەن قاپلانغان بولسىمۇ، ئۇ بىر جانسىز نەرسىغۇ!