Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 10:24 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

24 ئى پەرۋەردىگار، خەلقىڭنى تەربىيەلىگىن، بىراق بىزگە غەزەپلەنگىنىڭدە، بىزنى بەك قاتتىق جازالىمىغايسەن، بولمىسا بىز تۈگىشىمىز.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 10:24
10 Referans Kwoze  

ئى پەرۋەردىگار، مېنى قەھرىڭ بىلەن ئەيىبلىمە، ماڭا غەزىپىڭدە تەربىيە بەرمە.


ئى پەرۋەردىگار، مېنى قەھرىڭ بىلەن ئەيىبلىمە، ماڭا غەزىپىڭدە تەربىيە بەرمە.


چۈنكى مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، مەن سىلەرگە يار بولىمەن ۋە سىلەرنى قۇتقۇزىمەن. مەن سىلەرنى چېچىۋەتكەن يەرلەردىكى خەلقلەرنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىمەن، لېكىن سىلەرنىڭ ھەممىڭلارنى ۋەيران قىلمايمەن. سىلەرنى ئادىللىق بىلەن تەربىيەلەيمەن، ھەرگىز جازاسىز قويمايمەن.


ئۇ ھۆكۈمدارلارنى ئاجىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ، ھۆكۈمرانلارنى كېرەكسىز قىلىپ قويىدۇ.


كارۋانلار سۇ ئىزدىشىپ، يولىدىن ئېزىپ، قاقاس چۆلدە ئۆلۈپ كېتىدۇ.


ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ شۆھرىتىڭنى ئاڭلىدىم، ئەيمىنەرمەن ئۇلۇغۋار ئىشلىرىڭدىن، ئى پەرۋەردىگار. زامانىمىزدا شۇ ئىشلارنى قايتا قىلغايسەن، شۇ ئۇلۇغۋار ئىشلىرىڭنى كىشىلەر بىلسۇن. غەزەپلەنگەندىمۇ رەھىمدىللىكىڭنى ئېسىڭدىن چىقارمىغايسەن.


ئى خىزمەتكارلىرىم بولغان ياقۇپ ئەۋلادلىرى، مەن پەرۋەردىگار ئېيتىمەنكى، قورقماڭلار، چۈنكى مەن سىلەرگە يار بولىمەن. گەرچە مەن سىلەرنى تارقىتىۋەتكەن يەرلەردىكى بارلىق خەلقلەرنى ۋەيران قىلساممۇ، ئەمما سىلەرنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلمايمەن. مەن سىلەرنى جازالايمەن، لېكىن ئادىللىق بىلەن بولىدۇ، سىلەرنى ھەرگىز جازاسىز قويمايمەن.»


ئى پەرۋەردىگار، رەھىم قىل ماڭا، زەئىپلىشىپ كەتتىم قەۋەتلا. ئى پەرۋەردىگار، شىپالىق بەرگىن ماڭا، بوشىشىپ كەتتى ئۇستىخانلىرىم بىراقلا.


نان ياسايدىغان ئاشلىقنى ئېزىش ئاسان، شۇڭا ھېچكىم ئۇنى يەنە يەنجىۋەرمەيدۇ. بۇغداينى تاش تۇلۇق بىلەن خاماندا تەپكەندە، ئۇنى ھەرگىزمۇ قاتتىق ئەزمەيدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite