Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 10:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

23 ئى پەرۋەردىگار، ماڭا مەلۇمكى، ھېچكىم ئۆز تەقدىرىگە ئۆزى ئىگە ئەمەس، ئۆز بېشىغا كېلىدىغان ئىشلارنى بەلگىلەشكە كىمنىڭ قۇربى يەتسۇن؟

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 10:23
9 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسىدىندۇر ئىنساننىڭ قەدەملىرى، شۇنداق ئىكەن قانداق بىلەر ئىنسان ئۆز يولىنى؟


كۆڭۈلدىكى ئوي-پىكىرلەر ئىنساندىندۇر، ئۇنىڭ توغرا جاۋاب بېرىشى خۇدانىڭ ئىلھامىدىندۇر.


خۇرسەن بولسا بىر ئادەمدىن پەرۋەردىگار، ئۇ ئۇنىڭ قەدەملىرىنى مەزمۇت قىلار.


ئىزىڭدىن ماڭدىم مەن قەدەم ئېلىپ، شۇڭا كەتمىدى پۇتلىرىم تېيىلىپ.


ياد ئەت پەرۋەردىگارنى ھەر ئىشتا، ئوچۇق قىلار يولۇڭنى ئۇ شۇندا.


ئىنسان ئۆز يولى ئۈچۈن پىلان تۈزەر كۆڭلىدە، ئەمما پەرۋەردىگار قارار قىلار ئۇنىڭ قەدىمىگە.


ئى پەرۋەردىگار، سەن توغرا يولدا ماڭغانلارنىڭ يولىنى راۋان قىلىسەن، دۇرۇسلارنىڭ يولىنى تۈز قىلىسەن.


سىلى ھاكاۋۇرلىشىپ، ئەرشتىكى ئىگىمىزگە قارشى ئىش قىلدىلا. ئىگىمىزنىڭ ئىبادەتخانىسىغا تەۋە بولغان قەدەھلەرنى ئېلىپ چىقىپ، ئاياللىرى، توقاللىرى ۋە ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرگە ئۇلاردا شاراب ئىچىشتىلە. سىلى يەنە ھېچنېمىنى كۆرەلمەيدىغان، ئاڭلىيالمايدىغان، ھېچنېمىنى بىلمەيدىغان ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ، تۆمۈر، ياغاچ ۋە تاشلاردىن ياسالغان بۇتلارنى مەدھىيەلىدىلە. ئەمما سىلىگە ھايات بەرگۈچى ۋە ھايات يوللىرىنى بەلگىلىگۈچى خۇدانى ئۇلۇغلىمىدىلا.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite