21 بىزنىڭ يولباشچىلىرىمىز ئەخمەقتۇر، ئۇلار پەرۋەردىگاردىن يېتەكلەشنى ئۆتۈنمەيدۇ. شۇڭا ئۇلار ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، خەلقىمىز چېچىلىپ كەتتى.
نۇرغۇن يات ئەللەرنىڭ ھۆكۈمرانلىرى مېنىڭ ئۈزۈمزارلىقىمنى ۋەيران قىلدى، زېمىنىمنى دەپسەندە قىلدى. ئۇلار مېنىڭ گۈزەل زېمىنىمنى قاقاس چۆللەرگە ئايلاندۇردى.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «غىلاپتىن چىق ئەي قىلىچ، پادىچىمغا قارشى ئاتلان! ماڭا يېقىن تۇرغۇچىغا قارشى چىق! پادىچىنى ئۇر، قويلىرى پاتىپاراق بولسۇن. مەن قوزىلارغا قارشى قولۇمنى كۆتۈرىمەن.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «خەلقىمنىڭ سەركىلىرىگە غەزەپلىنىمەن. مەن بۇ يېتەكچىلەرنى جازالايمەن. مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار پادىلىرىمغا، يەنى يەھۇدىيە خەلقىگە كۆڭۈل بۆلىمەن. مەن ئۇلارنى كۈچلۈك جەڭ ئاتلىرىغا ئايلاندۇرىمەن.
قويلىرى تارقىلىپ كەتكەن قويچى قويلىرىنى قانداق ئىزدىگەن بولسا، مەنمۇ قويلىرىمنى شۇنداق ئىزدەيمەن. ئۇلار ئاپەتلىك، قاراڭغۇ كۈنلەردە تارقىلىپ كەتكەنىدى. مەن ئۇلارنى تارقىلىپ كەتكەن شۇ يەرلەردىن قۇتقۇزۇپ ئەكېلىمەن.
بۇ ئەللەرنىڭ ئادەملىرى ئەخمەق ھەم دۆتتۇر، ئۇلار ياغاچ بۇتلاردىن نېمىنى ئۆگىنەلەيدۇ؟
دانالار نومۇسقا قېلىپ، ساراسىمىگە چۈشۈپ، قىلتاققا ئىلىندى. ئۇلار مېنىڭ سۆزلىرىمنى رەت قىلغان تۇرسا، ئۇلاردا قانداقمۇ ئەقىل-پاراسەت بولسۇن؟
روھانىيلار ماڭا ئىنتىلمىدى، قانۇنلىرىمنى ئۆگىتىدىغانلار مېنى ھەقىقىي تونۇمىدى، يېتەكچىلەر ماڭا قارشى چىقتى. ساختا پەيغەمبەرلەر بۇت بائالنىڭ نامىدىن ۋەھىي يەتكۈزۈپ، ئۆزلىرىگە قىلچە ياردەم بېرەلمەيدىغان بۇتلارغا چوقۇندى.
ئىسرائىل خەلقى خۇددى شىرلار قوغلاپ يۈرگەن قويلارغا ئوخشايدۇ. دەسلەپتە ئاسسۇرىيە پادىشاھى ئۇلارنى يۇتۇۋەتتى. ھازىر، يەنى ئەڭ ئاخىرىدا بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ئۇلارنىڭ سۆڭەكلىرىنى غاجىدى.
ئۇلارنىڭ تۆگىلىرى ۋە بارلىق چارۋا ماللىرىنى تارتىۋېلىڭلار! مەن چەت-ياقا جايلاردا ياشاۋاتقان بۇ ئەللەرنى تەرەپ-تەرەپكە چېچىۋېتىمەن ھەمدە ئۇلارغا ھەممە تەرەپتىن بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىمەن.
ئۇنىڭ ئالدىدا بارلىق ئىنسانلار ئەخمەق ۋە بىلىمسىزدۇر! بارلىق ھۈنەرۋەنلەر ئۆزلىرىنىڭ ياسىغان بۇتلىرى ئۈچۈن نومۇسقا قالىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ياسىغان بۇتلىرى بىر ئالدامچىلىقتۇر، بۇ بۇتلارنىڭ تىنىقى يوقتۇر.
ئاتالمىش پەيغەمبەرلەر يالغان سۆزلەيدۇ، روھانىيلار ئۆز ئىختىيارى بويىچە خەلقىنى باشقۇرىدۇ، خەلقىم شۇنى خالايدۇ. لېكىن بالايىئاپەت بېشىغا كەلگەندە ئۇلار نېمە ئىش قىلالايدۇ؟»
مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹بۇ ئادەمنىڭ پەرزەنتلىرى يوق، دەپ رويخەتكە ئېلىڭلار! ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئىشلىرى ھەرگىز ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى داۋۇتنىڭ تەختىدە ئولتۇرۇپ، يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلمايدۇ.›»