Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 1:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 _ مەن سېنى ئاناڭنىڭ قورسىقىغا تۆرەلدۈرۈشتىن بۇرۇنلا بىلەتتىم. سەن تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن، مەن سېنى ئۆزۈمگە ئايرىۋېلىپ، زېمىندىكى خەلقلەرگە پەيغەمبەر قىلىپ تەيىنلىدىم.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 1:5
26 Referans Kwoze  

كۆرگەنىدىڭ ھامىلە چېغىمدا مېنى، كەلمەي تۇرۇپ ھاياتىمنىڭ تۇنجى كۈنى، تەقدىرىم دەپتىرىڭگە يېزىلغانىدى.


قۇلاڭ سېلىڭلار، ئەي دېڭىز بويلىرىدىكى ئەللەر! دىققەت قىلىپ ئاڭلاڭلار، ئەي يىراقتىكى خەلقلەر! مەن تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرىلا پەرۋەردىگار مېنى چاقىردى، مەن ئانامنىڭ قورسىقىدىكى چېغىمدىلا مېنىڭ ئىسمىمنى ئاتاپ چاقىردى.


چۈنكى، خۇدا ئەلمىساقتىلا بۇ كىشىلەرنى بىلگەن. ئۇ، بۇ كىشىلەرنىڭ كەلگۈسىدە ئۆز ئوغلىغا ئوخشاش بولۇشىنى ئالدىن بەلگىلىگەن. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئەيسا مەسىھنى بۇ نۇرغۇن قېرىنداشلارنىڭ ئارىسىدا تۇنجى ئوغلى قىلىش ئىدى.


ياقۇپ ئەۋلادلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا قايتۇرۇپ كېلىش، ئىسرائىللارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا توپلاش ئۈچۈن، ئۇ مېنى قورساقتا تۆرەلگەن چېغىمدىلا ئۆزىنىڭ خىزمەتكارى قىلىپ ياراتتى. مەن قورساقتا تۆرەلگەن چېغىمدىلا ئۇ مېنى ئۆزىنىڭ خىزمەتكارى قىلدى. مەن پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ئەزىزدۇرمەن، خۇدايىم مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىمدۇر. پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاڭلار،


سىلەرنى ياراتقان، ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدا تۆرەلدۈرگەن، سىلەرگە ياردەم بېرىدىغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان خىزمەتكارىم، مەن تاللىغان ئىسرائىل خەلقى، قورقماڭلار!


ئېلىزابېت مەريەمنىڭ سالىمىنى ئاڭلىغاندا، قورسىقىدىكى بوۋاق سەكرەپ كەتتى. ئېلىزابېت مۇقەددەس روھقا چۆمۈپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى: - ئاياللار ئىچىدە ئەڭ بەختلىك ئايالسەن، قورسىقىڭدىكى بوۋاقمۇ بەختلىكتۇر.


ساڭا كەلسەك، ئەي بالام، سەنمۇ ئۇلۇغ خۇدانىڭ پەيغەمبىرى، دەپ ئاتىلىسەن. رەببىمىزنىڭ يوللىرىنى تەييارلاش ئۈچۈن ھازىرلىغۇچى بولىسەن.


پەرۋەردىگار مۇساغا: _ سېنىڭ تەلىپىڭ بويىچە ئىش كۆرىمەن. چۈنكى سەن مېنىڭ ئىلتىپاتىمغا ئېرىشتىڭ. مەن سېنى ئالاھىدە مەقسەت بىلەن تاللىدىم، _ دېدى.


بىلىشىڭ كېرەككى، مەن بۈگۈن ساڭا پادىشاھلىقلارغا ۋە ئەللەرگە ۋەھىيلىرىمنى يەتكۈزۈش ھوقۇقىنى بەردىم. سەن بۇ پادىشاھلىقلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ قومۇرۇپ تاشلىنىدىغانلىقىنى، يىقىتىلىدىغانلىقىنى، ۋەيران بولىدىغانلىقىنى، ئاغدۇرۇلىدىغانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ بولسا قايتا قۇرۇلۇپ، مۇستەھكەملىنىدىغانلىقىنى جاكارلايسەن.


مۇسا پەرۋەردىگارغا: _ سەن ماڭا بۇ خەلقنى باشلاپ مېڭىشقا ئەمر قىلدىڭ. لېكىن كىمنىڭ مەن بىلەن بىرگە بارىدىغانلىقىنى ئېيتمىدىڭ. سەن مېنى ئالاھىدە مەقسەت بىلەن تاللىغانلىقىڭنى ۋە ماڭا ئىلتىپات كۆرسەتكەنلىكىڭنى ئېيتقانىدىڭ.


ئۇ خۇدانىڭ نەزىرىدە ئۇلۇغ بولىدۇ، ھاراق-شاراب ئىچمەيدۇ. ئۇ ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدىن تارتىپلا خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا چۆمگەن بولىدۇ.


ئەلچى بولۇشقا چاقىرىلىپ، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى تارقىتىشقا تاللانغان، ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن سالام!


لېكىن ئۇلارنى كۈچلۈك بىرى قوغدايدۇ، ئۇنىڭ نامى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردۇر. ئۇ چوقۇم ئۇلارنى قوغدايدۇ. ئۇ ئۇلارنىڭ زېمىنىغا تىنچ-ئامانلىق، بابىلنىڭ ئاھالىلىرىگە زۇلۇم ئېلىپ كېلىدۇ.


خۇدا كائىناتتىكى بارلىق مەۋجۇداتنى ئەيسا مەسىھنىڭ ئايىغى ئاستىدا تىز پۈكتۈرۈپ، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئۈچۈن ئۇنى بارلىق مەۋجۇداتقا باش قىلىپ بەردى.


ئەمدى ماڭا كەلسەك، ئاتام مېنى تاللاپ پانىي دۇنياغا ئەۋەتتى. شۇنداق تۇرۇقلۇق، نېمە ئۈچۈن «خۇدانىڭ ئوغلىمەن» دېسەم، مېنى «كۇپۇرلۇق قىلدىڭ!» دەيسىلەر؟


لېكىن، خۇدانى سۆيگەن كىشى خۇدانىڭ نەزىرىدە ھەقىقەتەن بىلىمگە ئىگە ئادەم بولىدۇ.


مېنى پىنھان ياراتقىنىڭدا، پۈتۈلگەندە ئانامنىڭ قورسىقىغا، ساڭا يوچۇن ئەمەستى تېنىم ئەسلا.


پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:


مەن بۇ زېمىنغا قارشى ئېيتقان بارلىق سۆزلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. ئۇ خەلقلەر توغرىسىدا يەرەمىيا ئارقىلىق يەتكۈزگەن، بۇ يازمىغا پۈتۈلگەن بارلىق ۋەھىيلىرىمنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىمەن.


_ سەن تېرە پارچىلىرىدىن ئېلىپ، ئۇنىڭغا يوشىيا پادىشاھ بولغان چاغدىن تارتىپ تاكى ھازىرغا قەدەر بولغان ئارىلىقتىكى ئىسرائىلىيە، يەھۇدىيە، شۇنداقلا باشقا بارلىق ئەللەر توغرىسىدا ساڭا ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىمنى يېزىپ چىققىن.


دادامنى بەك خۇشال قىلىپ: ‹ئوغۇل كۆردىڭىز!› دەپ خەۋەر يەتكۈزگەن ئادەمگە قارغىش بولسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite