Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 1:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 پەرۋەردىگار يەنە مەندىن: _ نېمىنى كۆردۈڭ؟ _ دەپ سورىدى. مەن: _ قايناۋاتقان بىر قازاننى كۆردۈم. ئۇ قازان شىمالدىن بىز تەرەپكە ئۆرۈلەي-ئۆرۈلەي دەپ تۇرۇپتۇ، _ دېدىم.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 1:13
10 Referans Kwoze  

شۇڭا مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار دەيمەنكى، بۇ شەھەر ھەقىقەتەن قازانغا ئوخشايدۇ. لېكىن گۆش سىلەر ئەمەس، بەلكى سىلەر ئۆلتۈرگەن ئادەملەرنىڭ جەسەتلىرىدۇر. مەن سىلەرنى بۇ شەھەردىن قوغلاپ چىقىرىمەن.


ئۇلار: «ئۆي سېلىشنىڭ ياخشى پەيتى كەلدى. بىزنىڭ شەھەر خۇددى تۆمۈر قازاندەك مۇكەممەلدۇر، بىز بۇ قازاندىكى گۆشتەك بىخەتەردۇرمىز» دېيىشىدۇ.


ئۇ مەندىن: _ نېمىنى كۆردۈڭ؟ _ دەپ سورىدى. مەن: _ مەن ساپ ئالتۇندىن ياسالغان بىر چىراغداننى كۆردۈم. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قاچا قويۇلغان بولۇپ، قاچىنىڭ گىرۋەكلىرىدە يەتتە دانە چىراغ، ھەر بىر چىراغدا يەتتە تالدىن پىلىك بار ئىدى.


ئالىيلىرىنىڭ ئوخشاش ئىككى چۈش كۆرۈشلىرى خۇدانىڭ بۇ ئىشلارنى پات ئارىدا جەزمەن ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتىدۇر.


پەرۋەردىگار ماڭا: _ ئەي يەرەمىيا، نېمىنى كۆردۈڭ؟ _ دەپ سورىدى. مەن: _ ئەنجۈر كۆردۈم. ياخشىلىرى ناھايىتى ياخشى ئىكەن، لېكىن ناچارلىرى ناچارلىقىدىن يېگىلىمۇ بولمايدىكەن، _ دەپ جاۋاب بەردىم.


خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، مېنىڭ ئاغزىمدىن چىققان سۆزمۇ ھەرگىز بىكاردىن-بىكار قايتىپ كەتمەيدۇ. ئەكسىچە، مېنىڭ ئىرادەم سۆزلىرىم ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ، مېنىڭ بارلىق مەقسەتلىرىم شۇ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.


شۇڭا سەن ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئېيتقان سۆزلىرىمنىڭ بىرەرسىمۇ كېچىكمەيدۇ، ھەممىسى ئەمەلگە ئاشىدۇ.» بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


ئۇ: _ ئاموس، نېمىنى كۆردۈڭ؟ — دەپ سورىدى. مەن: _ بىر سېۋەت پىشقان مېۋە، _ دەپ جاۋاب بەردىم. ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا: _ ئىسرائىل خەلقىمنىڭ ۋاقىت-سائىتى توشتى. ئەمدى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆرمەسكە سېلىپ تۇرالمايمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite