Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 1:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 پەرۋەردىگار: _ توغرا كۆردۈڭ، بادام شېخى مېنىڭ كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىدۇ. ئېيتقان سۆزلىرىمنى مەن تېز ئارىدا بەجا كەلتۈرىمەن، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 1:12
15 Referans Kwoze  

شۇڭا سەن ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئېيتقان سۆزلىرىمنىڭ بىرەرسىمۇ كېچىكمەيدۇ، ھەممىسى ئەمەلگە ئاشىدۇ.» بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن، مېنىڭ سۆزۈم چوقۇم كېچىكمەي ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەي ئاسىيلار، مېنىڭ سۆزۈم سىلەر ھايات ۋاقتىڭلاردا ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


- توغرا جاۋاب بەردىڭىز. مانا شۇنداق قىلسىڭىز، مەڭگۈ ياشايسىز، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.


ئۇ: _ ئاموس، نېمىنى كۆردۈڭ؟ — دەپ سورىدى. مەن: _ بىر سېۋەت پىشقان مېۋە، _ دەپ جاۋاب بەردىم. ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا: _ ئىسرائىل خەلقىمنىڭ ۋاقىت-سائىتى توشتى. ئەمدى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆرمەسكە سېلىپ تۇرالمايمەن.


پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ سۆزۈڭلارنى ئاڭلاپ، ماڭا مۇنداق دېدى: «مەن خەلقنىڭ ساڭا دېگەنلىرىنى ئاڭلىدىم. ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسى توغرا.


ئىنتىقام ئالغۇچى مەندۇرمەن، مەن چوقۇم ئۆچ ئالىمەن. ۋاقتى كەلگەندە ئۇلار يىقىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھالاك بولىدىغان كۈنى ئاز قالدى، ئۇلارنىڭ قىسمىتى تېزلا يېتىپ كېلىدۇ.»


شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېگەنىدى: «ئۇلار توغرا دەيدۇ.


بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى: - ئۇستاز، ياخشى ئېيتتىڭىز! - دېدى.


بۇرۇنقى چاغلاردا، مەن بۇ خەلقنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاپ يىقىتتىم. ئۇلارنى ۋەيران قىلدىم ۋە بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىپ كۆزەتتىم. لېكىن كەلگۈسىدە مەن يەنە ئۇلارنى ئۆستۈرۈپ، قۇدرەتلىك قىلىپ كۆزىتىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!


پەرۋەردىگار يەنە مەندىن: _ نېمىنى كۆردۈڭ؟ _ دەپ سورىدى. مەن: _ قايناۋاتقان بىر قازاننى كۆردۈم. ئۇ قازان شىمالدىن بىز تەرەپكە ئۆرۈلەي-ئۆرۈلەي دەپ تۇرۇپتۇ، _ دېدىم.


خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، مېنىڭ ئاغزىمدىن چىققان سۆزمۇ ھەرگىز بىكاردىن-بىكار قايتىپ كەتمەيدۇ. ئەكسىچە، مېنىڭ ئىرادەم سۆزلىرىم ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ، مېنىڭ بارلىق مەقسەتلىرىم شۇ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.


پەرۋەردىگار ماڭا: _ ئەي يەرەمىيا، نېمىنى كۆردۈڭ؟ _ دەپ سورىدى. مەن: _ ئەنجۈر كۆردۈم. ياخشىلىرى ناھايىتى ياخشى ئىكەن، لېكىن ناچارلىرى ناچارلىقىدىن يېگىلىمۇ بولمايدىكەن، _ دەپ جاۋاب بەردىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite