6 شەكەمنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرى ۋە بەيت-مىللولۇقلار شەكەم شەھىرىگە يىغىلدى. ئۇلار تۈۋرۈك يېنىدىكى دۇپ دەرىخى ئاستىدا ئابىمەلەكنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.
شۇنداق قىلىپ، داۋۇت قەلئەنى ئىگىلەپ، ئۇ يەردە تۇرۇپ قالدى ۋە بۇ قەلئەنى «داۋۇت شەھىرى» دەپ ئاتىدى. داۋۇت يېرۇسالېم شەھىرىنى تىندۇرۇلغان يەردىن باشلاپ كېڭەيتىپ قۇردى.
يوئاشنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭغا سۇيىقەست قىلىپ، ئۇنى سىللاغا بارىدىغان يولدا، يەنى تىندۇرۇلغان يەرنىڭ يېنىدىكى ئۆيدە قەتل قىلدى.
پادىشاھ ياروبئام ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى شەكەم شەھىرىنى قايتىدىن قۇرۇپ، شۇ يەردە تۇرىدىغان بولدى. كېيىن ئۇ پىنۇئېل شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ شەھەرنىمۇ مۇستەھكەملىدى.
شىمالدىكى ئىسرائىللار ياروبئامنىڭ مىسىردىن قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپلا، دەرھال ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى كېڭەشكە چاقىرتىپ كەلدى ۋە ئۇنى ئۆزلىرىگە، يەنى شىمالدىكى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلىپ تىكلەشتى. پەقەت يەھۇدا قەبىلىسىلا داۋۇت خانىدانلىقىغا سادىق بولۇپ قالدى.
بارلىق ئىسرائىل خەلقى رىخوبئامنى پادىشاھ قىلىش ئۈچۈن شەكەم شەھىرىگە يىغىلدى. رىخوبئاممۇ ئۇ يەرگە كەلدى.
ھەمدە يوشۇۋا بۇ سۆزلەرنى خۇدانىڭ قانۇنى يېزىلغان پۈتۈككە كىرگۈزدى. ئاندىن يوشۇۋا بىر قورام تاشنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتگاھى يېنىدىكى پىستە دەرىخى تۈۋىگە ئابىدە قىلىپ تىكلىدى.
ئۇ ئوفراھ شەھىرىدىكى ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۆز قېرىنداشلىرىنى، يەنى يېرۇببائالنىڭ 70 ئوغلىنى بىر قورام تاشنىڭ ئۈستىدە ئۆلتۈرۈۋەتتى. پەقەتلا يېرۇببائالنىڭ كىچىك ئوغلى يوتەم يوشۇرۇنىۋېلىپ قېچىپ كەتتى.
بۇ خەۋەر يوتەمگە يەتكەندە، ئۇ گىرىزىم تېغىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، ۋارقىراپ تۇرۇپ: _ گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار شەكەمنىڭ ئاقساقاللىرى! ئەگەر سىلەر مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىساڭلار، خۇدامۇ سىلەرنىڭ گېپىڭلارنى ئاڭلايدۇ.