8 گىدئون سۇككوتتىن چىقىپ، پىنۇئېل شەھىرىگە كېلىپ، ئۇلاردىنمۇ نان تەلەپ قىلدى. بىراق ئۇلارمۇ سۇككوتلارغا ئوخشاش جاۋاب بەردى.
پادىشاھ ياروبئام ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى شەكەم شەھىرىنى قايتىدىن قۇرۇپ، شۇ يەردە تۇرىدىغان بولدى. كېيىن ئۇ پىنۇئېل شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ شەھەرنىمۇ مۇستەھكەملىدى.
خۇدا ياقۇپنىڭ ساغرىسىغا تەگكەنلىكى ئۈچۈن، ئىسرائىللار تا بۈگۈنگىچە ھايۋانلارنىڭ ساغرىسىنىڭ پېيىنى يېمەيدۇ.
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئېيتتى: ‹مېروز ئاھالىسىغا قارغىشلار بولسۇن، مېروز خەلقىگە قارغىشلار ياغسۇن، زەربە بەرمىدى كۈچلۈك دۈشمەنگە ئۇلار.›
مەن قانداقسىگە ئاش-نېنىمنى ۋە قويلىرىمنى قىرقىۋاتقانلارغا دەپ سويغان مالنىڭ گۆشىنى نەدىن كەلگەنلىكى نامەلۇم بولغان بىرلىرىگە بېرەي؟