7 گىدئون ئۇلارغا: _ ئۇنداقتا پەرۋەردىگار زەباخ بىلەن زالمۇننانى قولۇمغا چۈشۈرۈپ بەرگەندىن كېيىن، مەن قايتىپ كېلىپ چۆلدىكى تىكەن ۋە يانتاق بىلەن تېرەڭلارنى شىلىمەن، _ دېدى.
گىدئون بۇ چۈشنى ۋە ئۇنىڭ تەبىرىنى ئاڭلىغان ھامان خۇداغا ھەمدۇسانالار ئېيتتى. ئۇ ئىسرائىللارنىڭ بارگاھىغا قايتىپ كېلىپ، ئادەملىرىگە: _ تۇرۇڭلار! پەرۋەردىگار مىديانلارنىڭ قوشۇنىنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ بېرىدۇ! _ دېدى.
ئۇلار سۇككوت شەھىرىگە كەلگەندە، گىدئون شەھەردىكىلەرگە: _ ئادەملىرىمگە نان بەرسەڭلار، ئۇلار بەك چارچاپ كەتتى. بىز يەنە مىديانلارنىڭ ئىككى شاھى زەباخ بىلەن زالمۇننانى قوغلاپ تۇتۇشىمىز كېرەك، _ دېدى.