6 سۇككوتنىڭ ئەمەلدارلىرى گىدئونغا: _ سەن تېخى زەباخ بىلەن زالمۇننانى قولغا چۈشۈرمىگەن تۇرساڭ، بىز نېمىشقا سېنىڭ ئادەملىرىڭگە نان بەرگۈدەكمىز؟ _ دېدى.
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئەلچىگە: _ بەنھادادقا: «ئادەم دۇبۇلغا-ساۋۇتنى كىيىشتىن بۇرۇن ئەمەس، بەلكى يەشكەندىن كېيىن ماختىنىشى كېرەك!» دەڭلار، _ دېدى.
باشقىلار ئۆز ئىشلىرىنىلا ئويلاپ، ئەيسا مەسىھنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارغا ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىدۇ.
كەمبەغەل يالۋۇرۇپ سۆزلەر، باي بولسا قوپال جاۋاب بېرەر.
ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاشمۇ ئەلچى ئەۋەتىپ، يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازياغا مۇنداق دېدى: _ لىۋان تاغلىرىدا بىر تىكەن كېدىر دەرىخىگە: «قىزىڭنى ئوغلۇمغا خوتۇنلۇققا بەر» دەپتۇ. لېكىن لىۋان تاغلىرىدىكى بىر ياۋايى ھايۋان ئۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، تىكەننى دەسسەپ چەيلىۋېتىپتۇ.
گىدئون سۇككوتقا كېلىپ بۇ شەھەرنىڭ ئاھالىلىرىگە: _ مانا زەباخ بىلەن زالمۇننا! سىلەر ماڭا: «سەن تېخى زەباخ بىلەن زالمۇننانى قولغا چۈشۈرمىگەن تۇرساڭ، بىز نېمىشقا سېنىڭ ھالىدىن كەتكەن ئادەملىرىڭگە نان بەرگۈدەكمىز؟» دەپ مەسخىرە قىلغانىدىڭلار، _ دېدى.
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئېيتتى: ‹مېروز ئاھالىسىغا قارغىشلار بولسۇن، مېروز خەلقىگە قارغىشلار ياغسۇن، زەربە بەرمىدى كۈچلۈك دۈشمەنگە ئۇلار.›
شۇڭا مىدياندىن كەلگەن ئىسمائىل قەبىلىسىدىكى سودىگەرلەر بۇ يەردىن ئۆتكەندە، يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى ئۇنى قۇدۇقتىن چىقىرىپ، ئىسمائىللارغا يىگىرمە كۈمۈش تەڭگىگە سېتىۋەتتى. سودىگەرلەر يۈسۈپنى مىسىرغا ئېلىپ كەتتى.
ئۇلار تاماققا ئولتۇرغىنىدا، ئىسمائىل قەبىلىسىگە تەۋە بىر كارۋاننىڭ گىلئادتىن مىسىر تەرەپكە كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇلار تۆگىلىرىگە دورا-دەرمان، دېۋىرقاي ۋە مۇرمەككىلەرنى ئارتىپ كەلگەنىدى.
تۇغۇلۇش تەرتىپى بويىچە نىبايوت، قېدار، ئادبىئېل، مىبسام،
ئۇلار سۇككوت شەھىرىگە كەلگەندە، گىدئون شەھەردىكىلەرگە: _ ئادەملىرىمگە نان بەرسەڭلار، ئۇلار بەك چارچاپ كەتتى. بىز يەنە مىديانلارنىڭ ئىككى شاھى زەباخ بىلەن زالمۇننانى قوغلاپ تۇتۇشىمىز كېرەك، _ دېدى.