Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سەردارلار 8:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 خۇدا ئاللىقاچان سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا مىديانلارنىڭ ئىككى سەركەردىسى ئورېب بىلەن زىئېبنى چۈشۈرۈپ بەردى. مېنىڭ قىلغانلىرىمنى قانداقمۇ سىلەرنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولسۇن؟ _ دېدى. گىدئوننىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلىغان ئەفرايىم قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ ئاچچىقلىرى يېنىشتى.

Gade chapit la Kopi




سەردارلار 8:3
15 Referans Kwoze  

مۇلايىم جاۋاب باسار غەزەپنى، قوپال سۆز قوزغار ئاچچىقنى.


ھەرقانداق ئىشتا شەخسىيەتچىلىك ۋە قۇرۇق شۆھرەتكە بېرىلمەڭلار. ئەكسىچە، كەمتەر بولۇپ، باشقىلارنى ئۆزۈڭلاردىن ئۈستۈن كۆرۈڭلار.


ھەمدە خۇدانىڭ بىزگە ئاتا قىلغان مېھىر-شەپقىتىگە ئاساسەن ھەربىرىمىزدە ئوخشاش بولمىغان قابىلىيەتلەر بار بولىدۇ. ئەگەر خۇدانىڭ سىلەرگە بەرگەن قابىلىيىتى ئۆزىنىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈش بولسا، ئۇنىڭ سىلەرگە ۋەھىي ئارقىلىق سۆزلەۋاتقانلىقىغا ئىشەنگىنىڭلاردەك، ئىشەنچ بىلەن بۇ ۋەھىينى باشقىلارغا يەتكۈزۈڭلار.


خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ماڭا ئاتا قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، ھەربىرىڭلارغا شۇنى ئېيتىمەنكى، ئۆزۈڭلارنى ئارتۇقچە باھالىماڭلار. ئەكسىچە، ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن خۇدا سىلەرگە بەرگەن ئېتىقاد جەھەتتىكى قابىلىيىتىڭلارغا قاراپ، ئۆزۈڭلارنى دەڭسەپ كۆرۈڭلار.


«بىرى تېرىيدۇ، يەنە بىرى يىغىدۇ» دېگەن تەمسىل توغرىدۇر.


سەۋر-تاقەت بىلەن سۆزلىگەندە ھۆكۈمدار كۆنەر. يۇمشاق سۆز سۆڭەكتىن ئۆتەر.


جايىدا قىلىنغان سۆزلەر، كۈمۈش تاۋاققا تىزىلغان ئالتۇن ئالمىلاردەكتۇر.


ئەۋزەلدۇر سەۋرچان ئادەم باتۇردىن، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش شەھەر ئالغاندىن.


بولمىسۇن بىزگە ئى پەرۋەردىگار، بولمىسۇن بىزگە، بولسۇن مەنسۇپ شان-شۆھرەت پەقەت ئۆزۈڭگە، چۈنكى مەڭگۈلۈك مۇھەببەت ۋە چەكسىز ساداقىتىڭنى كۆرسەتتىڭ بىزگە.


ئالغان ئەمەس ئۇلار زېمىنىنى شەمشىرى بىلەن، غەلىبىگە ئېرىشكىنى يوق ئۆز بىلىكى بىلەن. بەلكى ئۇلارنىڭ غالىب كېلىشى سەن خۇدادىن، ئوڭ قولۇڭ، قۇدرىتىڭ، چېھرىڭنىڭ نۇرىدىن، چۈنكى سۆيۈندۈڭ سەن ئۇلاردىن.


گىدئون ئۇلارغا: _ مېنىڭ قىلغان ئىشلىرىم قانداقمۇ سىلەرنىڭ قىلغان ئىشلىرىڭلارغا تەڭ كەلسۇن؟ ئەفرايىم زېمىنىدىكى ھوسۇلۇڭلاردىن ئېشىپ قالغان ئۈزۈملەر جەمەتىم بولغان ئابىئەزەرلەرنىڭ بىر يىللىق ھوسۇلىدىنمۇ كۆپقۇ؟


گىدئون 300 ئادەم بىلەن ئىئوردان دەرياسىدىن كېسىپ ئۆتتى. ئۇلار ھېرىپ كەتكەن بولسىمۇ، دۈشمەننى داۋاملىق قوغلاپ زەربە بەردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite