Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سەردارلار 8:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 گىدئون ئۇلارغا: _ مېنىڭ قىلغان ئىشلىرىم قانداقمۇ سىلەرنىڭ قىلغان ئىشلىرىڭلارغا تەڭ كەلسۇن؟ ئەفرايىم زېمىنىدىكى ھوسۇلۇڭلاردىن ئېشىپ قالغان ئۈزۈملەر جەمەتىم بولغان ئابىئەزەرلەرنىڭ بىر يىللىق ھوسۇلىدىنمۇ كۆپقۇ؟

Gade chapit la Kopi




سەردارلار 8:2
11 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگارنىڭ روھى گىدئوننى ئۆز ئىلكىگە ئالدى. گىدئون بۇرغا چېلىپ، ئابىئەزەر جەمەتىنىڭ ئادەملىرىنى ئۆز ئەتراپىغا يىغدى.


كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئوفراھ يېزىسىغا كېلىپ، يوئاشقا تەئەللۇق بولغان بىر تۈپ پىستە دەرىخىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇردى. يوئاش بولسا ئابىئەزەر جەمەتىدىن ئىدى. ئۇنىڭ ئوغلى گىدئون مىديانلاردىن يوشۇرۇنچە ئۈزۈم ئېزىش كۆلچىكىدە بۇغداي ئېزىۋاتاتتى.


ئورما ئورغان ۋاقتىڭلاردا ئېتىزنىڭ قىرىدىكى زىرائەتلەرنى ئورماڭلار ھەم ئېتىزدا قالغان باشاقلارنى تېرىۋالماڭلار.


ئەفرايىم قەبىلىسىدىكىلەر گىدئونغا: _ سەن بىزگە نېمىشقا بۇنداق قىلىسەن؟ سەن مىديانلارغا قارشى جەڭگە چىققاندا، نېمىشقا بىزنى چاقىرمايسەن؟ _ دەپ گىدئوننى قاتتىق ئەيىبلىدى.


خۇدا ئاللىقاچان سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا مىديانلارنىڭ ئىككى سەركەردىسى ئورېب بىلەن زىئېبنى چۈشۈرۈپ بەردى. مېنىڭ قىلغانلىرىمنى قانداقمۇ سىلەرنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولسۇن؟ _ دېدى. گىدئوننىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلىغان ئەفرايىم قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ ئاچچىقلىرى يېنىشتى.


گىلئادنىڭ ئوغۇللىرىدىن كېلىپ چىققان جەمەتلەر ئىئەزەر، خېلەق،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite