Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سەردارلار 7:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 سەن ئۇلارغا: «دۈشمەندىن قورقۇپ تىترىگەنلەر دەرھال گىلئاد تېغىدىن ئۆيلىرىگە قايتسۇن» دەپ ئېيتقىن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن 22 مىڭ كىشى قايتىپ كېتىپ، 10 مىڭ كىشى قېلىپ قالدى.

Gade chapit la Kopi




سەردارلار 7:3
7 Referans Kwoze  

لەشكەر باشلىرى لەشكەرلەردىن يەنە مۇنداق دەپ سورىسۇن: «ئاراڭلاردا يۈرەكسىزلىك قىلىپ، قورقىدىغانلار بارمۇ؟ بولسا، باشقىلارنىڭ ئىرادىسىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن ئۆيىگە قايتسۇن.»


دىۋە ۋە پادىشاھلار بىرلىشىپ قوزىغا قارشى جەڭ قىلىدۇ. قوزا غەلىبە قىلىدۇ، چۈنكى قوزا رەبلەرنىڭ رەببى، پادىشاھلارنىڭ پادىشاھىدۇر. ئۇنىڭ بىلەن بىر سەپتىكىلەر چاقىرىلغان، تاللانغان ۋە ئۇنىڭغا سادىق بولغانلاردۇر.


لېكىن، قورقۇنچاق، ئېتىقادسىز، چىرىك، قاتىل، زىناخور، سېھىرگەر، بۇتپەرەس ۋە يالغانچىلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ قىسمىتى گۈڭگۈرت بىلەن يانغان ئوت كۆلىدۇر. مانا بۇ ئىككىنچى ئۆلۈمدۇر.»


دېمەك، ئاخىرقى بولغانلار كەلگۈسىدە ئالدىنقىلار بولىدۇ، ئالدىنقى بولغانلار كەلگۈسىدە ئاخىرقىلار بولىدۇ.


ھالبۇكى، خۇدانىڭ سۆزى ئۇلاردا يىلتىز تارتمىغاچقا، ئۇلار ئۇزۇنغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. خۇدانىڭ سۆزىگە ئىشەنگەنلىكىدىن قىيىنچىلىق ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىسا، خۇدا يولىدىن دەرھال چەتنەپ كېتىدۇ.


ئۇ ماناسسە زېمىنىغىمۇ ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ، ئۇلارنىمۇ ئۆزىگە ئەگىشىشكە چاقىردى. ھەمدە ئاشېر، زەبۇلۇن ۋە نافتالى قەبىلىلىرىگىمۇ ئەلچى ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار گىدئوننىڭ قېشىغا كېلىشتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite