سەردارلار 7:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى2 پەرۋەردىگار گىدئونغا: _ ساڭا قوشۇلغان ئادەم ناھايىتى كۆپ ئىكەن، ئەگەر مەن ئىسرائىللارنى مىديانلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلدۇرسام، ئۇلار ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ غەلىبە قىلدۇق، دەپ ئويلاپ ماختىنىدۇ. Gade chapit la |
پادىشاھ ماختىنىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۆز قۇدرىتىم بىلەن بۇ ئىشلارنى قىلدىم، ئۆز ئەقلىم بىلەن بۇ ئىشلارنى پىلانلىدىم، مەن شۇنداق ئەقىللىقتۇرمەن! دۆلەتلەر ئارىسىدىكى پاسىللارنى يوقاتتىم، ئۇلارنىڭ مال-دۇنياسىنى تارتىۋالدىم. مەن خۇددى غايەت كۈچلۈك پالۋانغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ تەختتىكى پادىشاھلىرىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدىم.
ئاسا پەرۋەردىگار خۇدادىن مۇنداق دەپ ئۆتۈندى: _ ئى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا، پەقەت سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەنلا ئاجىزلار كۈچلۈكلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايدۇ. ئۆتۈنەي، بىزگە ياردەم قىلغايسەن. بىز ساڭىلا تايىنىمىز. سېنىڭ نامىڭ بىلەن بۇ چوڭ قوشۇنغا قارشى ئاتلاندۇق. ئى پەرۋەردىگار، سەن بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇرسەن. ئىنسانلارنىڭ ئۈستۈڭدىن غەلىبە قىلىشىغا يول قويمىغايسەن.