12 مىديانلار، ئامالەكلەر ۋە شەرقتىكى خەلقلەر جىلغىنى بىر ئالغان بولۇپ، خۇددى بىر توپ چېكەتكىدەك كۆپ ئىدى. ئۇلارنىڭ تۆگىلىرى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك سان-ساناقسىز ئىدى.
شۇ ۋاقىتتا زەباخ بىلەن زالمۇننا ۋە ئۇلارنىڭ لەشكەرلىرى قارقور دېگەن جايدا ئىدى. ئۇلارنىڭ سانى تەخمىنەن 15 مىڭ بولۇپ، ھەممىسى شەرقتىكى خەلقلەرنىڭ قېلىپ قالغان لەشكەرلىرى ئىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ 120 مىڭ قىلىچلىق لەشكىرى ئۆلگەنىدى.
ئۇلار خۇددى چېكەتكىدەك كۆپ بولۇپ، كالا پادىلىرى ۋە چېدىرلىرىنى بىللە ئېلىپ كېلەتتى. ئۇلارنىڭ ئادەم ۋە تۆگىلىرىمۇ ھېسابسىز ئىدى. ئۇلار ئىسرائىللارنىڭ زېمىنىغا بېسىپ كىرىپ، ئۇ يەرلەرنى خاراب قىلىۋېتەتتى.
ھەر قېتىم ئىسرائىللار تېرىقچىلىق قىلىشقا باشلىغاندا، مىديانلار، ئامالەكلەر ۋە شەرقتىكى خەلقلەر بىلەن بىرلىشىپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلاتتى.
بۇ پادىشاھلار بارلىق قوشۇنلىرىنى باشلاپ كەلدى. ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرى سان-ساناقسىز بولۇپ، خۇددى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك كۆپ ئىدى. ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئات ۋە جەڭ ھارۋىلىرى بار ئىدى.
پادىشاھ غالىب بولالماس قوشۇنىنىڭ بۈيۈكلىكى بىلەن، پالۋان قۇتقۇزالماس ئۆزىنى كۈچتۈڭگۈرلۈكى بىلەن.
نەقەدەر كۆپتۇر رەقىبلىرىم، ئى پەرۋەردىگار، شۇنچە جىقتۇر ماڭا قارشى چىققانلار.
ئۇ ئەقىل-پاراسەتتە شەرقتىكى ۋە مىسىردىكى بارچە دانىشمەنلەرنى بېسىپ چۈشەتتى.
ئۇ چاغدا مىديانلار ئامالەكلەر ۋە شەرقتىكى خەلقلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، يىزرىئەل تۈزلەڭلىكىدە چېدىرلىرىنى تىكىشتى.
گىدئون بارگاھقا يېقىن كېلىپ، بىر كىشىنىڭ ئۆز ھەمراھىغا كۆرگەن چۈشىنى ئېيتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. ئۇ كىشى: _ مەن بىر چۈش كۆرۈپتىمەن. چۈشۈمدە بىر ئارپا نېنى بىز مىديانلارنىڭ بارگاھىغا دومىلاپ كىرىپ، چېدىرغا تېگىپ كېتىشى بىلەن تەڭ چېدىر ئۆرۈلۈپ چۈشۈپتۇدەك، _ دېيىشى بىلەن،
داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئەتىسى كۈن چىقىشى بىلەن ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ، بىر كۈن كەچكىچە ئۇلارنى شۇنداق قىردىكى، تۆگىگە مىنىپ قاچقان تۆت يۈز يىگىتتىن باشقا ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالمىدى.
مىسىرنىڭ ئاھالىسى كەڭ كەتكەن قويۇق بىر ئورمانلىققا ئوخشايدۇ، لېكىن مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ئېيتىمەنكى، دۈشمەنلەر ئۇلارنى كېسىپ تاشلايدۇ. چۈنكى ئۇلارنى كېسىپ تاشلايدىغانلارنىڭ سانى چېكەتكىلەردىنمۇ كۆپتۇر، ئۇلار ساناقسىزدۇر.
فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللار بىلەن جەڭ قىلىشقا يىغىلدى. ئۇلار ئۈچ مىڭ جەڭ ھارۋىسى، ئالتە مىڭ ھارۋىلىق لەشكەرلەر ۋە دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك سان-ساناقسىز پىيادە لەشكەرلىرى بىلەن كېلىپ، بەيتئاۋەننىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدىكى مىكماستا بارگاھ قۇردى.
ئىسرائىلىيەلىكلەرمۇ قوشۇنىنى توپلاپ، ئوزۇق-تۈلۈك تەييارلاپ، ئۇلارغا قارشى جەڭگە ئاتلاندى. ئىسرائىلىيەلىكلەر ئارراملارنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ، بارگاھ قۇردى. بىراق ئۇلار دالانى قاپلىغان ئارراملارنىڭ ئالدىدا خۇددى ئىككى كىچىك ئۆچكە توپىدەك كۆرۈىنەتتى.