Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سەردارلار 6:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 شۇڭا پەرۋەردىگار ئۇلارغا بىر پەيغەمبەر ئەۋەتتى. ئۇ كېلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «مەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇردۇم.

Gade chapit la Kopi




سەردارلار 6:8
12 Referans Kwoze  

سىلەرنى مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدۇم. سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا دۈشمىنىڭلارنى قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ زېمىنىنى سىلەرگە ئېلىپ بەردىم.


ۋە ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا شۇنداق دەيدۇ: «مەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتىم، سىلەرنى مىسىرلىقلارنىڭ ۋە سىلەرگە زۇلۇم قىلغان بارلىق ئەللەرنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقتىم.


مۇسا ئىسرائىل خەلقىگە مۇنداق دېدى: _ بۇ كۈننى ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار. چۈنكى بۇ كۈن سىلەر قۇللۇقتا ياشىغان مىسىر زېمىنىدىن يولغا چىققان كۈندۇر. بۇ كۈن پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك قولى بىلەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان كۈندۇر. شۇڭا سىلەر ھەر يىلى مۇشۇ كۈنى خېمىرتۇرۇچ ئارىلاشتۇرۇلغان ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېمەڭلار.


كەلگۈسىدە ئوغۇللىرىڭلار: «سىلەر نېمىشقا بۇنداق قىلىسىلەر؟» دەپ سورىسا، سىلەر: «پەرۋەردىگار بىزنى قۇدرەتلىك قولى بىلەن مىسىردىكى قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقتى.


پەرۋەردىگار بارلىق پەيغەمبەرلەر ۋە غايىبنى بىلگۈچىلەر ئارقىلىق ئىسرائىلىيە بىلەن يەھۇدىيە خەلقىگە: «يامان يولدىن قايتىڭلار! مەن سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا ئەمر قىلغان ۋە خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق سىلەرگە يەتكۈزگەن قانۇندىكى بارلىق ئەمر-پەرمانلىرىمغا ئەمەل قىلىڭلار» دەپ ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ،


شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ پەريادىنى ئاڭلىغاندا، رەھىمدىللىك بىلەن نەزەر سالدى خۇدا جاپالىرىغا.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite