Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سەردارلار 6:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئوفراھ يېزىسىغا كېلىپ، يوئاشقا تەئەللۇق بولغان بىر تۈپ پىستە دەرىخىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇردى. يوئاش بولسا ئابىئەزەر جەمەتىدىن ئىدى. ئۇنىڭ ئوغلى گىدئون مىديانلاردىن يوشۇرۇنچە ئۈزۈم ئېزىش كۆلچىكىدە بۇغداي ئېزىۋاتاتتى.

Gade chapit la Kopi




سەردارلار 6:11
17 Referans Kwoze  

ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىدىكى باشقا زېمىنلار ماناسسەنىڭ قالغان ئەۋلادلىرىغا جەمەتلەر بويىچە، يەنى ئابىئەزەر، خېلەق، ئاسرىئېل، شەكەم، خېفەر ۋە شىمىدا قاتارلىق جەمەتلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىلدى. بۇ جەمەتلەر يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسەنىڭ ئەر ئەۋلادلىرى ئىدى.


يەنە نېمە دەي؟ گىدون، باراق، شىمشون، يىفتاخ، داۋۇت، سامۇئىل ۋە باشقا پەيغەمبەرلەر توغرىسىدا ئېيتىپ كەلسەم ۋاقىت يەتمەيدۇ.


پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭ ئايالىغا كۆرۈنۈپ، مۇنداق دېدى: _ قارا، سەن ھازىرغىچە پەرزەنت يۈزى كۆرەلمىگەنىدىڭ، ئەمما كۆپ ئۆتمەي ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغىسەن.


گىدئون ئۇلارغا: _ مېنىڭ قىلغان ئىشلىرىم قانداقمۇ سىلەرنىڭ قىلغان ئىشلىرىڭلارغا تەڭ كەلسۇن؟ ئەفرايىم زېمىنىدىكى ھوسۇلۇڭلاردىن ئېشىپ قالغان ئۈزۈملەر جەمەتىم بولغان ئابىئەزەرلەرنىڭ بىر يىللىق ھوسۇلىدىنمۇ كۆپقۇ؟


ئۇلار ئازاب چەككەندە، ئۇمۇ ئۇلار بىلەن تەڭ ئازاب چەكتى، ئۆز پەرىشتىسىنى ئۇلارنى قوغداشقا ئەۋەتتى. ئۇ مۇھەببىتى ۋە ئىچ ئاغرىتىشى بىلەن ئۇلارنى قوغدىدى. بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگار ئۇلارنى كۆتۈرۈپ ماڭغانىدى.


مېنى پۈتۈن بالا-قازالاردىن قۇتقۇزغان پەرىشتە ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلغاي. مېنىڭ نامىم ۋە ئاتا-بوۋام ئىبراھىم بىلەن ئىسھاقنىڭ نامى بۇ بالىلار ئارقىلىق مەڭگۈ داۋاملاشقاي. ئۇلار نۇرغۇن ئەۋلادلىق بولۇپ، يەر يۈزىدە گۈللەپ ياشنىغاي.»


پەرىشتىنىڭ سۈرىتىدە كەلگەن پەرۋەردىگار ھەجەرنى چۆلدىكى بىر بۇلاقنىڭ يېنىدا كۆردى. بۇلاق شۇر دېگەن يەرگە بارىدىغان يولنىڭ بويىدا ئىدى.


پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئېيتتى: ‹مېروز ئاھالىسىغا قارغىشلار بولسۇن، مېروز خەلقىگە قارغىشلار ياغسۇن، زەربە بەرمىدى كۈچلۈك دۈشمەنگە ئۇلار.›


ئاۋۋىم، پاراھ، ئوفراھ،


گىلئادنىڭ ئوغۇللىرىدىن كېلىپ چىققان جەمەتلەر ئىئەزەر، خېلەق،


پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇ يەردە ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ: _ ئەي باتۇر ئەزىمەت! پەرۋەردىگار ساڭا ياردۇر! _ دېدى.


ئايال ئېرىنىڭ يېنىغا كېلىپ: _ خۇدانىڭ ئەۋەتكەن ئادىمى يېنىمغا كەلدى، ئۇنىڭ تۇرقى خۇدانىڭ پەرىشتىسىگە ئوخشاش ئادەمنى بەك ھېيىقتۇرىدىكەن. مەن ئۇنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى سورىمىدىم، ئۇمۇ ماڭا ئۆز ئىسمىنى ئېيتىپ بەرمىدى.


ئۇ ئوفراھ شەھىرىدىكى ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۆز قېرىنداشلىرىنى، يەنى يېرۇببائالنىڭ 70 ئوغلىنى بىر قورام تاشنىڭ ئۈستىدە ئۆلتۈرۈۋەتتى. پەقەتلا يېرۇببائالنىڭ كىچىك ئوغلى يوتەم يوشۇرۇنىۋېلىپ قېچىپ كەتتى.


شۇنىڭ بىلەن ئىلياس ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، شافاتنىڭ ئوغلى ئېلىشانى ئىزدەپ تاپتى. بۇ چاغدا ئېلىشا قوش ھەيدەۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئىدى. كىشىلەر 12 جۈپ ئۆكۈز بىلەن يەر ئاغدۇرۇۋاتاتتى. ئېلىشا بولسا 12-جۈپ ئۆكۈزنىڭ يېنىدا ئىدى. ئىلياس ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۆزىنىڭ تونىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە يېپىپ قويۇپ، كېتىپ قالدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite